ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن قىشلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى كۈتۈۋالدى، جايلاردىكى مائارىپ ئىدارىلىرى مەكتەپلەردىن تەتىل مەزگىلىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلنى مەنىلىك، خۇشال ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئوتتۇرا مەكتەپلەر 1-ئاينىڭ 25-كۈنى تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشى، ئۆگىنىش پىلانى ۋە جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تاپشۇرۇقلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەتىللىك تاپشۇرۇق مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىزدىنىش خاراكتېرلىك، ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك، ھېس قىلىش خاراكتېرلىك، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلنى مەنىلىك، خۇشال ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شارائىتى يار بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشىنى، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللاپ قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ باھار بايرىمى مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئوقۇغۇچىلارنى مۇزېي، گۈزەل-سەنئەت سارىيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى 2-1 سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تاماملاپ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت ئېقىم مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
1-ئاينىڭ 12-كۈنى، «قىشلىق تەتىللىك كىچىك دەرسخانا»دا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دۇمبىرا چېلىش ماھارىتىنى ئۆگەتمەكتە. يېقىندا، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى «قىشلىق تەتىللىك كىچىك دەرسخانا» ئېچىپ، رەسىم سىزىش، ۋاسكېتبول، مۇزىكا قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
ئارداق بېيسقان فوتوسى
قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئاتا-ئانىلار مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى ئاقىلانە تاللاپ، بالىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، بالىلارغا راھەت، خۇشال قىشلىق تەتىل تۇرمۇشىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئاتا-ئانىلارغا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش، ئۆگىنىشنى تاللىغاندا بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش، خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، بالىلارنى تەنتەربىيە چېنىقىشىغا كۆپرەك قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇربى يېتىدىغان ئائىلە ئەمگىكى ۋە جەمئىيەت ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشنى ئەسكەرتتى.
قومۇل شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن تەتىللىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق، ئىخچام، سەرخىل، قاتلاملارغا بۆلۈپ، تەرتىپلىك بولۇش، پائالىيەت خاراكتېرلىك، ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك، ئىزدىنىش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى دەرس تولۇقلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، تەتىللىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوزەك قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىسخىكا ساغلاملىقى، ئاشخانا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، قاتناش ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىكى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنى خەتەردىن، كۈتۈلمىگەن زەخىملىنىشتىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى