تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىدىغان بۇ ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ

   مەنبە: شىنخۇا تورى

 

بەزى دوستلار دائىم

تاماق يېگەچ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئۇلاپ كۆرىدۇ

كارىۋاتتا ياتقاچ قىسقا سىن كۆرۈپ تاڭ ئاتقۇزۇۋېتىدۇ

.......

 دىققەت قىلىپ كېتەلمىگەن بەزى ئادەتلەر

ھەش-پەش دېگۈچىلا بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىۋېتىدۇ

بەدەن قۇۋۋىتىنى ئەڭ خورىتىدىغان بۇ بەش خىل ئادەتنىڭ

بىرىنىڭمۇ سىزدە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن  

مەن بۇ ھەقتە ھازىرلا سىزگە چۈشەنچە بېرەي  

بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىدىغان بەش خىل ئادەت

    1. تاماق يېگەچ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئۇلاپ كۆرۈش

   تۇرمۇش رىتىمى تېزلىشىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشى تاماق يېگەندىمۇ قولىدىن تېلېفون چۈشمەيدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىۋېرسال سەنئەت نومۇرلىرى ياكى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈۋاتقان بولسا، قاچىسىدىكى تاماقمۇ مەززىلىك تېتىيدىغان بولۇپ قالدى، يەنە بەزىلەر تېخى بۇنىڭغا «ئېلېكترونلۇق زاسەي» دەپ چىرايلىق نام قويدى.

   ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل ئىنتايىن ناچار ئادەت. دىققەتنى بۆلۈش تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئايلىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئاسانلا ھەزىم ناچارلىشىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تال ۋە ئاشقازان بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ مەنبەسى، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئاجىزلىشىشى تەبىئىي ھالدا قۇۋۋەت يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    2. ئۇزاق ۋاقىت بىر خىل قىياپەتتە تۇرۇش 

   ئەمەلىيەتتە بۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بار ئادەت، مەسىلەن: پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش ياكى ئۇزاق ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرۇش دېگەندەك. 

   بەلكىم بۇنداق قىياپەت ھەقىقەتەن راھەت بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ فۇنكسىيەسىنى خورىتىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، قان ئايلىنىش راۋان بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    3. قىسقا سىنغا بېرىلىپ كېتىش 

    خۇاڭدىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىچكى ئەزالاردىكى قۇۋۋەت كۆزدە نامايان بولىدۇ»، «ئۇزاق مۇددەت تىكىلىپ قاراش چوقۇم زېھىننى چارچىتىدۇ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ». كۆزنى زىيادە ئىشلەتكەندە، تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت سەرپ بولىدۇ. 

    4. مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىش 

   جۇڭگو تېبابىتىدە زىيادە ئويلىنىش تال ۋە ئاشقازان، يۈرەك، جىگەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەپ قارىلىدۇ. 

   جىگەرنىڭ قان ساقلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، بىر ئىشنى تولا ئويلاپ كەتسىمۇ، ئەندىشە قىلسىمۇ، پۇشايمان قىلسىمۇ قۇۋۋەت خورايدۇ. 

    5. ئۇزاق ۋاقىت كېچىچە ئۇخلىماسلىق 

    ئۇيقۇ سۈپىتى جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇيقۇ ياخشى بولمىسا جىگەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋە ھاسىلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

   ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا، قان ئۈنۈملۈك تازىلانماي، تەبىئىي ھالدا قۇۋۋەت خوراپ كېتىدۇ. 

قانداق قىلغاندا قۇۋۋەتنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟ 

    1. قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش  

    مەسىلەن: تۇخۇم، چىلان، پىچەكگۈل، چوشقا قېنى، ئۆردەك قېنى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا ئىمكانقەدەر كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ. يەنە داڭشېن، كەتىرا قاتارلىق قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان دورا ماتېرىياللىرىنى مۇۋاپىق يەپ بېرىش كېرەك، توخۇ گۆشى، چىلان، ئالقات قاتارلىقلارنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ. 

    2. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش 

   ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا قان ئايلىنىش راۋان بولماي، قان ۋە قۇۋۋەتنىڭ ھاسىل بولۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قان زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

   ھەرىكەت قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

   سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسەن سەيلە قىلىش، تەيجى گۇمپىسى مەشق قىلىش، چامباشچىلىق قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ، ئاياللار يوگا قاتارلىق بىر قەدەر يېنىك ھەرىكەتلەرنى تاللىسا بولىدۇ. 

   ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاساسىي كېسىلى بار دوستلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت سىجىللىقىنى تەڭشىسە بولىدۇ. 

    3. ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش 

   قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، تۈنىمەسلىك، قانۇنىيەتلىك ئوزۇقلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش، تاماكا، ھاراق تاشلاش، ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىقتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قان زەئىپلىشىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق. 

    4. جىگەر قېنىنى ئاسراش 

    جۇڭگو تېبابىتىدە جىگەر قان ساقلايدۇ، ئۇ قاننى ساقلايدىغان، قان مىقدارىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم ئەزا، دەپ قارىلىدۇ. 

   قۇۋۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، چوقۇم جىگەرنى قۇۋۋەتلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، پالەك، قارا كۈنجۈت، قىزىل پۇرچاق قاتارلىق جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاراق ئىچىش، تۈنەش قاتارلىق جىگەرنى زەخىملەندۈرىدىغان ئادەتلەردىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.