تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

قېلىن قاردىن كېيىن، بۇ بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىلىرىنى چوقۇم كۆرۈڭ

   1. قېلىن قار ياغقاندىن كېيىنلا ياكى ئۇدا قار ياغقاندىن كېيىن ھەرگىز تاغقا چىقماڭ. بۇ چاغدا، يېڭىدىن ياغقان قار ياكى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى يىغىندى قارلار مۇستەھكەم ئەمەس، سەل تەۋرىنىش بولسىلا قار كۆچۈش يۈزبېرىدۇ. قېلىن قاردىن كېيىن ئادەتتە ھاۋارايى ياخشى بولىدۇ، چوقۇم ياخشى ھاۋارايىدىن ۋاز كېچىپ، قار كۆچۈشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ساقلاڭ.

   2. ئەگەر چوقۇم قار كۆچكەن رايوندىن كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، 10 سائەتتىن كېيىن ئاندىن كېسىپ ئۆتۈش كېرەك. چۈنكى، بۇ چاغدا قۇياشنىڭ قارلىق تاغقا چۈشۈپ تۇرغىنىغا خېلى ۋاقىت بولغان بولىدۇ، ئەگەر قار كۆچۈش يۈزبېرىدىغان بولسا بۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا خەتەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

   3. ھاۋا بەزىدە سوۋۇپ، بەزىدە ئىللىپ، ھاۋا ئېچىلغاندا ياكى ئەتىيازدىن باشلاپ قار ئېرىشكە باشلىغاندا، يىغىلىپ قالغان قارلار تۇراقسىزلىشىپ، ئاسانلا قار كۆچۈش كۆرۈلىدۇ.

   4. تىك داۋاندا ھەرىكەت قىلماڭ. قار كۆچكەندە قارلار ئادەتتە تۆۋەنگە قاراپ يۆتكىلىدۇ، 1:5 بولغان يانتۇلۇقتا قار كۆچۈش يۈزبېرىدۇ.

   5. قار كۆچۈشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىڭ، مەسىلەن، قار-مۇزنىڭ يېرىلغان ئاۋازى ياكى تۆۋەن گۈركىرىگەن ئاۋازى، قار توپىنىڭ تۆۋەنگە دومىلاپ چۈشۈۋاتقانلىقى ياكى يۇقىرىغا قارىغاندا بۇلۇتسىمان كۈل رەڭ چاڭ-توزاننى كۆرىسىز. 

   6. قار كۆچۈش بېسىپ ئۆتكەن يولنى تىك يار، بىرقەدەر سىلىق بەلباغ ياكى ناھايىتى ئاز دەرەخ بار تاغ باغرىدىكى ئۈزۈلمە قاتلام قاتارلىق يەر شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

   7. ئېگىز تاغدا ماڭغاندا ياكى ئارام ئالغاندا، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماڭ، ئاتموسفېرانىڭ تەۋرىنىشى سەۋەبلىك قار كۆچۈشنىڭ يۈزبېرىشىنى ئازايتىڭ.

   8. ئېگىز تاغدا قار تېيىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆمەك تەشكىللەپ بېرىڭ، چوقۇم قار كۆچكەندە ئىشلىتىدىغان سىمسىز تېلېگراف قوبۇللاش-تارقىتىش ئاپپاراتى، تەكشۈرگۈچ، گۈرجەك ۋە قار كۆچۈش بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ئېلىۋېلىڭ، بۇنداق بولغاندا قار كۆچكەندە ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇش ۋە باشقا ئەزالارنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇشقا قولايلىق بولىدۇ؛

   9. ئېگىز تاغدا قار تېيىلغاندا تاسادىپىي قار كۆچۈشكە دۇچ كەلگەندە ئاسان بايقىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇچىڭىزغا ئوچۇق رەڭلىك قار تېيىلىش كىيىمى كىيىۋېلىڭ ياكى قىزىل رەخت باغلىۋېلىڭ.

   10. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، %90 قار كۆچۈشنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل قار كۆچۈش «سۈنئىي ئىستىراھەت قار كۆچۈشى»دەپ ئاتىلىدۇ. قار تېيىلىش، پىيادە مېڭىپ ساياھەت قىلىش ياكى باشقا قىشلىق تەنھەرىكەت ھەۋەسكارلىرى دائىم تاسادىپىي قار كۆچۈشنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئادەم قار دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ قېلىپ، يېرىم سائەتكىچە قۇتقۇزۇۋېلىنمىسا، ھايات قېلىش ئۈمىدى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ.

   11. قار كۆچۈش خەتەرلىك مەزگىلىدە، مەسىلەن يامغۇر، قېلىن قار، تۇمان، ئىللىق شامال چىققاندا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە، شۇنداقلا كېچىدە، ئەڭ ياخشىسى قار كۆچۈش خەتەرلىك رايونىغا كىرمەسلىك كېرەك.

   12. قار تېيىلغاندا راستتىنلا قار كۆچۈشكە يولۇقسىڭىز، ھودۇقۇپ كەتمەڭ، تۆۋەندىكى ئەسكەرتمىلەر سىزنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ:

   ⑴ مەيلى قايسى خىل ئەھۋال يۈزبېرىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم دەرھال قار كۆچكەن لىنىيەدىن ئايرىلىڭ؛ 

  ⑵ قار كۆچۈشكە ئۇچرىسىڭىز ھەرگىز تاغ باغرىغا قاراپ يۈگۈرمەڭ، قار كۆچۈشنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 200 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، تاغ باغرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپ يۈگۈرۈڭ ياكى يەر شەكلى بىرقەدەر ئېگىز جايلارغا قاراپ يۈگۈرۈڭ؛ 

  ⑶ بەدىنىڭىزدىكى بارلىق ئېغىر نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ، مەسىلەن، سومكا، قار تېيىلىش تاختىسى، قار تېيىلىش ھاسىسى قاتارلىقلار. بۇ نەرسىلەر بىلەن قارغا پېتىپ قالسىڭىز ھەرىكەت قىلىشىڭىز تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ؛

  ⑷ قار تېيىلىش ئۇسۇلى بىلەن قېچىپ قۇتۇلماڭ. بىراق، قار كۆچۈش لىنىيەسىنىڭ چېتىدە تۇرغان بولسىڭىز، تېز سۈرئەتتە خەتەرلىك مۇھىتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولىدۇ؛ 

  ⑸ قار كۆچۈشتىن قاچالمىغاندا، ئېغىزنى يۇمۇپ نەپەس ئالماي تۇرۇۋېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ھاۋا دولقۇنىنىڭ زەربىسى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدۇ. ئەگەر كىچىك تىپتىكى قار كۆچۈش بولسا، دەرەخ، تاغ جىنسلىرى قاتارلىق مۇستەھكەم جىسىملارنى تۇتۇۋالسىڭىز بولىدۇ؛

  ⑹ تاغنىڭ يانباغرىدىكى ھەرقانداق مۇستەھكەم نەرسىلەرنى چىڭ تۇتۇۋېلىڭ، مەسىلەن، چوخچىيىپ تۇرغان تاغ جىنسلىرى دېگەندەكلەر. بىر مەزگىل ئۇنىڭغا پېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ، قار-مۇزلار ھامان ئېقىپ تۈگەيدۇ، شۇ چاغدا خەتەردىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؛

  ⑺ ئەگەر قار كۆچۈش تاغ باغرىغا ئېقىتىپ كەلگەن بولسا، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن قار دۆۋىسىنىڭ يۈزىگە يامىشىپ چىقىپ، تۈز يېتىپ، ئۆمىلەش ھالىتى بىلەن قار كۆچكەن جاينىڭ ئاستىدا ھەرىكەت قىلىڭ، ئارام ئالغاندا ئىمكانقەدەر يېنىڭىزغا بىر چوڭ ئۆڭكۈر ياساڭ. قار قېتىشتىن بۇرۇن، سىرتقى يۈزىگە بېرىپ سىناپ بېقىڭ؛

   ⑻ تاغ باغرىغا سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتسىڭىز، چوقۇم ئامال قىلىپ قار-مۇزنىڭ يۈزىگە يامىشىپ چىقىڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوڭدىسىغا ئۈزۈش ياكى ئىتچە سۇ ئۈزۈش شەكلىدە ئېقىنغا قارشى ئۈزۈپ، قار ئېقىمىنىڭ گىرۋىكىگە قېچىپ بېرىۋېلىڭ، سىزنى بېسىپ تۇرغان قار-مۇز قانچە ئاز بولسا، قېچىپ قۇتۇلۇش پۇرسىتىڭىز شۇنچە چوڭ بولىدۇ؛

   ⑼ ئەگەر قارغا كۆمۈلۈپ قالسىڭىز، چوقۇم تىرىشىپ قارنى يېرىپ چىقىڭ، چۈنكى قار كۆچۈش توختاپ بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن، قارلار قاتتىق ئۇيۇپ، پۇت-قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈش قىيىنلىشىدۇ، قېچىپ قۇتۇلۇش قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؛

   ⑽ ئەگەر قار دۆۋىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ۋاقتىنچە قارنى يېرىپ چىقىشقا ئامال بولمىسا، ئىككى قولىڭىزدا بېشىڭىزنى تۇتۇپ، ئامال بار ئەڭ چوڭ نەپەس بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، ئېغىزىڭىزدىن شۆلگەي چىقىرىپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي يۇقىرى-تۆۋەن ئورنىڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇڭ. ئاندىن قار يېرىپ ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ؛ 

   ⑾  پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن بەدىنىڭىزنى سىرتقا چىقىرىپ، بىر قولىڭىزنى قار يۈزىگە چىقىرىڭ، بۇنداق بولغاندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ سىزنى تېپىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.