تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بۇ ياللۇغلارغا دىققەت قىلمىسا، راكقا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن

توردا بەزىلەر

ياللۇغ كونتىرول قىلىنمىسا تەرەققىي قىلىپ راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ، دېيىشىدىكەن

ئۇنداقتا

ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟

ياللۇغ ۋە راك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بار؟

بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇ ھەقتە ئورتاقلىشىمىز

1

ياللۇغ راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

   نۇرغۇن تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياللۇغ راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

     تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم راك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ تېنىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولىدىكەن، قالغان بەشتىن تۆت قىسىم راك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ تېنىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ سەۋەبى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆسمە توقۇلمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ياللۇغلۇق ھۈجەيرىلەر يىغىلىپ قالغان بولىدۇ. ھەتتا بەزى ئالىملار ئۆسمىگە مۇناسىۋەتلىك ياللۇغنى راك كېسىلىنىڭ بىر خىل بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2

بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلار ئاسانلا راك كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ

    نۆۋەتتە، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە كىلىنىكىلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىسپاتلىغان تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ بار:

1. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. 

2. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىمۇ جىگەر راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

3. ئايال ئاغرىقلار ئىچىدە ئادەم ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىمۇ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

4.  ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ئاغرىقلىرىنىڭ %80ىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى تارىخى بولىدۇ. شۇڭا، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنىڭ كېسەللىك تارىخى ئاشقازان ئاستى بېزى راكىنىڭ ئەڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

5. تاماكا چېكىش ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، بولۇپمۇ تولۇق بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ بوغماق ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىش نىسبىتى نورمال كىشىلەر توپىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

7. ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قايتا-قايتا قوزغالسا، بولۇپمۇ ئوخشاش بىر ئورۇندىكى ياللۇغ قايتا-قايتا قوزغالسا، راك كېسىلىگە ئۆزگىرىشىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

3

ياللۇغنى تۈگىتىش ئۈچۈن مۇنداق قىلىش كېرەك

 1. كېسەللىك سەۋەبىنى تۈگىتىش

 مەسىلەن، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىپ داۋالاش، B تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمە ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش. يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنى ئاكتىپ دورا بىلەن داۋالاپ، ياللۇغنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغقا تەرەققىي قىلىشىنى توسۇش.

2. ھاراق-تاماكىنى تاشلاش ھەمدە ياللۇغنى تېزلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇش

 يەنى يۇقىرى قەنتلىك، تۇزلۇق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش، يەنە پىششىقلانغان يېمەكلىكلەر، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش.

يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

3. مۇۋاپىق چېنىقىش

 چۈنكى ھەرىكەت بەدەننى بەزى ھۈجەيرە فاكتورلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ.

4. روھىي ھالەت ۋە ئۇيقۇ بەك مۇھىم 

ئۈمىدۋار روھىي ھالەت ۋە يېتەرلىك ئۇيقۇ ھالىتىنى ساقلاشمۇ ياللۇغدىن يىراق تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپ ئامىللىق، كۆپ باسقۇچلۇق جەريان، لېكىن ھازىر نۇرغۇن تەتقىقاتلار سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەگەر بىز ياللۇغلىنىش باسقۇچىدا توسۇپ قالالىساق، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك توسۇپ، بەدەنگە بولغان زىياننى ئازايتالايمىز، ھەتتا ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى زور دەرىجىدە ئازايتالايمىز.

4

راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، راكقا قارشى تۇرۇشتا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە «سەككىزگە دىققەت قىلىش» كېرەك

     2023-يىلى جۇڭگو راكقا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى ئۆسمە-ئوزۇقلۇق كەسپىي كومىتېتى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان «ياللۇغقا قارشى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: بەدەندىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك تۆۋەن دەرىجىلىك ياللۇغلىنىش ھالىتى ئۆسمىنى پەيدا قىلىدىغان مېخانىزملارنىڭ بىرى. «ئورتاق تونۇش»تا دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، راكقا قارشى تۇرىدىغان يېمەك ئىچمەك تاكتىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە «سەككىزگە دىققەت قىلىش» بار. 

1. دىققەت:  ئاساسلىق يېمەكلىكلەردە دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك تاللاش

ۋەكىللىك يېمەكلىكلەر: سۇلۇ، تېرىق، قارا بۇغداي، قوناق، سېرىق چۈجگۈن قوناق

دانلىق زىرائەتلەردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئېففېكتى بولۇپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق. دانلىق زىرائەتلەردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى راكقا قارشى، ياللۇغقا قارشى يېمەك- ئىچمەكلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك پىششىقلانغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، دانلىق زىرائەتلەردىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، سۈت بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، بولۇپمۇ بۇغداي كېپىكى ۋە بۇغداينىڭ تۆرەلمە بىخىدا يېمەكلىك تالاسى ۋە ھەر خىل فېنول تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرى مول بولىدىكەن.

2. دىققەت: ياغنى تاللاشتا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولغانلىرىنى تاللاش

 ۋەكىللىك يېمەكلىكلەر: زەيتۇن يېغى، بېلىق، قېتىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە

 كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكلەردە ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئادەتتە ئومۇمىي ئېنېرگىيەنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى تاللاپ، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى ۋە تەتۈر تىپلىق ياغ كىسلاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش ئورگانىزمنىڭ ياللۇغقا قارشى ئىچكى مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. يەككە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىش سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، سېمىزلىك ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

3. دىققەت: گۆش تۈرلىرىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بارلىرىنى كۆپرەك تاللاش

ۋەكىللىك يېمەكلىكلەر: بېلىق، راك، دادۇر مەھسۇلاتلىرى

 ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى بېلىق، راك، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، ئاز مىقداردىكى ئورۇق گۆش، تۆۋەن مايلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى، دادۇر يېمەكلىكلىرى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار بولۇپ، پىششىقلانغان گۆش تۈرلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىش. قىزىل گۆش ۋە پىششىقلانغان گۆشنىڭ ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بوغماق تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %17، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %20، بۆرەك ھۈجەيرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %19 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

4. دىققەت: مېۋە-كۆكتات ئومۇمىي يېمەكلىكنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلەش

  ياللۇغقا، راكقا قارشى كۆڭۈلدىكىدەك يېمەك-ئىچمەكلەر ئىچىدە كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە ئومۇمىي يېمەكلىك مىقدارىنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلىشى كېرەك. مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار، تاماق تالاسى، ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرى مول بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئاكتىپلىقى بىرقەدەر ياخشى. كۆكتات، مېۋە-چېۋە تەركىبىدىكى β- كاروتىن، ۋىتامىن A ،B6 ،C ،D ،E، سىنك، ماگنىينىڭ تاماق ياللۇغ كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرغاندا، ئورگانىزمدىكى ياللۇغنى تۆۋەنلىتىپ، ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

5. دىققەت: مۇۋاپىق مىقداردا چاي ئىچىش ئارقىلىق راكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

ۋەكىللىك يېمەكلىكلەر: قىزىل چاي، يېشىل چاي

 يېشىل چاي، قىزىل چايلاردىن موزا، كاتېخۇئىك كىسلاتاسى، فلاۋون، پولىفېنول قاتارلىق تەركىبلەرنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئۆسمىنىڭ ئېنىق ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار. چاي پولىفېنولى چاي تەركىبىدىكى تەبىئىي پولىفېنولنىڭ ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، چاي پولىفېنولى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئامىن نىترىتنىڭ ئادەم بەدىنىدە بىرىكىشىنى توسۇپ قالالايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلىيەلەيدىكەن. گەرچە يېشىل ياكى قىزىل چاينىڭ ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولسىمۇ، لېكىن شەخسنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئادىتىگە ئاساسەن، چاينى مۇۋاپىق ئىچىش كېرەك.

6. دىققەت: ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرىنى مۇۋاپىق تولۇقلاش

 ۋەكىللىك يېمەكلىكلەر: ئۈزۈم، شوخلا، لەنمېي

 بەزى ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرى ياللۇغقا قارشى تۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە، مەسىلەن، فلاۋون، سىئانىدىن، بۇتىل بېنزوئات قاتارلىق پولىفېنول تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرى. نۇرغۇن ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش تەجرىبلىرى ۋە ھايۋانات تەجرىبىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فلاۋونول، سىئانىدىن قاتارلىق پولىفېنول تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك بىرىكمىلىرىنىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى ھەمدە راكقا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىش رولى بار ئىكەن.

7. دىققەت: ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك

  خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورگىنى(IARC)نىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى يېڭىدىن پەيدا بولغان ئۆسمە كېسەللىكى ئىچىدە 741 مىڭ 300 كىشىنىڭ ھاراق ئىچىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىلئۆڭگەچ راكى، جىگەر راكى ۋە سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ كۆپ ئىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھاراقنى كۆپ ئىچىش ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىككە مۇناسىۋەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

8. دىققەت: تاماق ئەتكەندە ياغدا داغلاپ پىشۇرۇش، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇش، قاقلاپ پىشۇرۇشنى ئازايتىش

  قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ساغلام بولۇشى، دۈملەش، قورۇش، ھوردا پىشۇرۇش، قاينىتىش، ئارىلاشتۇرۇش ئاساس قىلىنىشى، ياغدا داغلاپ پىشۇرۇش، ياغقا سېلىپ پىشۇرۇش، قاقلاپ پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئاز ئىشلىتىلىش. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە دىئابېت كېسىلى بىلەن مۇناسىۋىتى بار.

«شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.