تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئالتە خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ! (1)

ياشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلار تەدرىجىي قېرىشقا باشلايدۇ، ئەگەر قان تومۇرلارنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، قان تومۇرلاردىكى داغ پارچىلىرى بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئارقىدىن قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

قان تومۇرلار توسۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك؟

    يۈز قىسمىدا بۇ ئۈچ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلسە قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

    (1) كالپۇك كۆكىرىش

    بەدەن ساغلام ھالەتتە، كالپۇك قىپقىزىل، پارقىراق بولىدۇ، لېكىن ئەگەر قان تومۇر توسۇلۇپ قالسا، بەدەندىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا، كالپۇكقا يېتەرلىك قان يېتىپ بارالماي، كالپۇك «كۆكۈش سۆسۈن رەڭ»دە كۆرۈنىدۇ.

    (2) قاڭشار بىلەن قۇلاق يۇمشىقىدا پۈرۈلمە پەيدا بولۇش

    قاڭشار بىلەن قۇلاق يۇمشىقى قىسمىدىكى پۈرۈلمە يەنە «تاجسىمان قان تومۇر ئېرىقچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ قان تومۇر توسۇلغانلىقىنىڭ مۇھىم بىر سىگنالى. ئەگەر قاندىكى ماي ئەخلەتلىرى كۆپىيىپ كەتسە، قاننىڭ مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا، قاڭشار ياكى قۇلاق يۇمشىقىدا بەزى توغرا سىزىقچىلار پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە كۆپچىلىك چوقۇم كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا سىزىقچىلار ياكى پۈرۈلمە پەيدا بولغان ھامان بۇ ئىشقا جىددىي كۆڭۈل بولۇشى كېرەك.

    (3) ئۇخلىغاندا بىر تەرەپتىن شۆلگەي ئېقىش

    يېشى كىچىكرەك ياش- ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇخلىغاندا شۆلگەي ئېقىش دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل ھادىسە. لېكىن قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئۇخلىغاندا تۇيۇقسىز بىر تەرەپتىن شۆلگەي ئاقسا، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈش كېرەك، چۈنكى بۇ مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا، نېرۋا مەركىزىنىڭ نورمال ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەمنىڭ شۆلگىيى دائىم بىر تەرەپكە قاراپ ئاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    2 

    پۇتتا بۇ ئۈچ خىل ئالامەت كۆرۈلگەندە قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

    (1) ئىششىپ ئاغرىش 

    ئەگەر تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسىدا توسۇلۇش كۆرۈلۈپ، قان نوكچىسى پەيدا بولسا، پۇت ئىششىپ قېلىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا سىرقىراپ، تېلىپ ئاغرىيدۇ.

(2) ئويۇقسىمان سۇلۇق ئىششىق

تۆۋەنكى مۈچە ۋېناسىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولماي، توسۇلۇپ قالسا، ئوڭايلا تېرە ئاستىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قالىدۇ، شۇڭا ۋېنادا ئەگەر قان نۆكچىسى پەيدا بولسا، پۇتنى باسقاندىن كېيىن، ئويۇق ياكى ئويۇقسىمان ئىز كۆرۈلىدۇ. 

(3) رەڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆزگىرىش 

ئارتېرىيە قان تومۇرى توسۇلۇپ قالغاندىن كېيىن قان ياخشى ئايلىنالماي، بەزى قىسىملارغا قان ۋاقتىدا يېتىپ بارالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا تېرە قىزىل رەڭ، كۆكۈش سۆسۈن رەڭ، كۆك رەڭدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بەدەن ئاغرىش، تېرىسى تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك. 

3

ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردىكى قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ

(1) ئۆپكە

«يېڭى ئنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا ئۆپكە كەپلەشمىسىنىڭ يىللىق قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن 1000دىن بىر ئادەمگە توغرا كېلىدىكەن. ئۆپكە كەپلەشمىسى يەنە «ئۈندىمەس قاتىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ قان تومۇرنىڭ ئۆپكە ئارتېرىيەسى ياكى باشقا شاخچىلىرىنى توسۇۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەسلەپتە كىشىلەردە نەپەس راۋان بولماسلىق، يۆتىلىش، كۆكرەك ئاغرىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا بايقالمىسا ۋە داۋالانمىسا، ئۆپكە ئارتېرىيە غولى ئېغىر دەرىجىدە توسۇلغاندا، ئاغرىق بىر، ئىككى سائەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۆلۈش نىسبىتى %30كە يېتىدۇ. 

(2) چوڭ مېڭە 

قان نوكچىسى چوڭ مېڭە ئارتېرىيەدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى توسۇۋالغاندا، مېڭە ھۈجەيرىسىگە ئوكسىگېن يېتىشمەي، قان نۆكچىسى مەنبەلىك شامال دارىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ سەكتە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاسانلا «ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆزى كونترول قىلالمايدۇ» ۋە تىل جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ئېغىز- بۇرۇن مايماق بولۇپ قېلىش، شۆلگەي ئېقىش، بەدەننىڭ يېرىمى ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر قان نۆكچىسى كىچىك مېڭىگە تەسىر قىلسا، باش قېيىش، يول ماڭغاندا مۇقىم ماڭالماسلىقتەك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا، مېڭە قان نوكچىسى يۈرەك قان نوكچىسىنىڭ ئاجراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

(3) يۈرەك

يۈرەك قان نوكچىسى ئادەتتە ئارتېرىيە قان تومۇرىدا پەيدا بولۇپ، ئاسانلا يۈرەك سانجىقى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەكتە قان نوكچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى بولۇپ، نورمال قان تومۇر دىۋارى سىلىق ھەم ئېلاستىكلىققا ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئارتېرىيە دىۋارى قاتقاندىن كېيىن، ئىچكى پەردىدە ئاسانلا ماي داغ پارچىلىرى پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي قان نوكچىسى شەكىللىنىپ، نەيچە بوشلۇقى تارىيىپ، نەيچە دىۋارى زەخىملىنىدۇ. 

(داۋامى بار) 

پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.