تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

مېڭە قان تومۇرلىرىنى ئاسراشتا قان بېسىمىنى، قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم

    ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىسە، بەدىنىمىزدىكى نۇرغۇن فىزىيولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچتە ئۆزگىرىش يۈز بولىدۇ، مەسىلەن، قان تومۇرلار قىسقىرايدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، قان ئايلىنىش راۋان بولمايدۇ، دېگەندەك، شۇڭا ئاسانلا مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى مېڭە تىقىلمىسى يۈز بېرىدۇ. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت مىقدارى ئازىيىپ، قان شېكىرى ئاسانلا ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇنداقلا مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. قانداق كىشىلەر مېڭە سەكتىسىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولىدۇ؟

    بىر خىلى، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، قىزىل قان تومۇر ئىچكى دىۋارىدا داغ پەيدا بولىدۇ؛ قىزىل قان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ئاساسىدا، قان نۆكچىسى شەكىللىنىدۇ؛ چوڭ ياشلىق كىشىلەردە ئاسانلا يۈرەك دالانچىسى تىترەش كۆرۈلىدۇ، يۈرەك دالانچىسىنىڭ تىترىشى قان نۆكچىسى كەپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    يەنە بىر خىلى، ئۆزىدە نۇرغۇن مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى بار كىشىلەر. مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل قان بېسىمى يۇقىرى بولسا، باش ئىچىدىكى كىچىك قىزىل قان تومۇرنىڭ ئەينەكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا يېرىلىپ قاناش ياكى قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باشقا خەتەرلىك ئامىللار، مەسىلەن، تاماكا چېكىدىغان، ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان، دىيابېت كېسىلى بار، سېمىز كىشىلەرنىڭ مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.

    جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مېڭە سەكتىسى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئەنەنىۋى قاراشتىكى «ياشانغانلار كېسىلى»نىڭ قوزغىلىشى «ياشلىشىش»قا قاراپ يۈزلەندى. خېلى كۆپ ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ خىزمەت رىتىمىنىڭ تېز، روھىي بېسىمىنىڭ ئېغىر بولۇشى، ئۆي ئىچىدە ئۇزاق تۇرۇشى، قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچرىشىشى ئاز بولۇشى، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇشى ھەم كەچ تۇرۇشى، يېتىۋېلىپ چېنىقماسلىقى، يېمەك- ئىچمىكى تەرتىپسىز بولۇشى، دائىم ۋەيمەي يېيىشى، بېشىنى سېلىپ يان تېلېفون ئوينىشى، ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قېلىشى ئاساسىي كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىل قان تومۇرنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ياشلار ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئىرسىيەت ئامىلىمۇ مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېڭە قان تومۇر كېسىلى جەمەت تارىخى ياكى خەتەرلىك ئامىل جەمەت تارىخى بار بىر قىسىم ياشلار مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، بىر قىسىم دەسلەپكى ئامىللارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئارىلىشىشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك.

    ياشانغانلارنىڭ مېڭە قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداشتا، ئالدى بىلەن ئومۇمىي ساغلاملىقنى ياخشى ساقلاش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن ساغلام بولغاندا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، تەڭپۇڭ غىزالىنىش، ماي تەركىبى يۇقىرى، خولېستېرىن تەركىبى يۇقىرى، شېكەر تەركىبى يۇقىرى، تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش، پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشنى چەكلەش، كۆكتات، مېۋەە، دانلىق زىرائەت ۋە تەركىبىدە ساغلاملىق يېغى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، بېلىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپەيتىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇۋاپىق جىسمانىي ھەرىكەت قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، قىش پەسلىدە چېنىقىش ۋاقتى بەك بالدۇر بولۇپ كەتمەسلىكى، قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىنكى ۋاقىتنى تاللاش كېرەك. ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنى تاللىسا بولىدۇ.

    يۇقىرى قان بېسىمى ۋە دىيابېت كېسىلىنى كونترول قىلىش مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر. قىش پەسلىدە قان تومۇرلار قىسقىرايدىغان بولغاچقا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ، ھەرىكەت ئازلاپ كەتكەنلىكتىن قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇڭا قان بېسىمى ۋە قان شېكىرىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇش، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكۈچى ۋە قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك. شاھمات، قارتا ئوينىغاندا ھاياجانلىنىش ۋە زىيادە جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، كەيپىياتنى خۇشال تۇتۇش، روھىي بېسىمنى ئازايتىش كېرەك.

    مېڭە سەكتىسى جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك بولغاچقا، ئاغرىق قانچە بالدۇر داۋالانسا، ئەسلىگە كېلىشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، شۇڭا ئاغرىققا قىممەتلىك داۋالاش ۋاقتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭدا بىزنىڭ مېڭە سەكتىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ بىز «BE FAST» پىرىنسىپىدىن پايدىلانساق بولىدۇ.

    بىر ئادەمدە تۇيۇقسىز B- تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالماسلىق، يول مېڭىش مۇقىم بولماسلىق؛ E- ئېنىق كۆرەلمەسلىك، نەرسىلەرنى كۆرۈش قىيىن بولۇش؛ F- يۈزى غەيرى بولۇپ قېلىش، ئاغزى مايماق كېتىش؛ A- بىلىكىنى تۈزلىيەلمەسلىك، بىر تەرەپتىكى پۇت- قولى ماغدۇرسىزلىنىش؛ S- تىلى كالۋالىشىش، راۋان گەپ قىلالماسلىق، باشقىلارنىڭ گېپىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراش كېرەك. بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، تۇيۇقسىز بىر تەرەپتىكى پۇت- قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، ئاغزى مايماق كېتىش، گېپى ئېنىق بولماسلىق كۆرۈلسە مېڭە سەكتىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا جىددىي قۇتقۇزۇشقا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش كېرەك. ئەگەر ئاغرىق كېسىلى قوزغالغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلسا، دوختۇر جىددىي خاراكتېرلىك مېڭە تىقىلمىسى دەپ ھۆكۈم قىلىپ، نوكچا ئېرىتىش ياكى نوكچا ئېلىشقا ماس كەلسە، ئۇنداقتا داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بولىدۇ.

    نۇرغۇن كىشى ئادەتتە CT ياكى يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دوكلاتتا «كاۋاك ئارىلىق مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسى» دەپ يېزىپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئېغىرمۇ؟ «كاۋاك ئارىلىق مەنبەلىك مېڭە تىقىلمىسى» كۆپ ھاللاردا پەقەت بىر خىل تەسۋىر ئىلمىدىكى ئىپادىلىنىش بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى كېسەللىك دىياگنوزى ئەمەس. بۇنداق ئىپادىلەش چوڭ مېڭىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى مېڭە توقۇلمىلىرىدا بەزى يېنىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايقاشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، بۇ بىر خىل قېرىش ئۆزگىرىشى بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، بەلكىم ھەقىقىي مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش بولۇشى مۇمكىن. ناھايىتى ئېھتىياتچان ئۇسۇل شۇكى، دوختۇر ئاغرىقنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە تەسۋىر ئىلمى نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، ئاندىن كېيىنكى داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

    يۇقىرى قان بېسىمى، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، دىيابېت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ۋە داۋالىنىشى، مېڭە سەكتىسى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۆيدە دورا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

    پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.