تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ياڭاق يېيىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

     ياڭاق دۆلىتىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ياڭاقنى تىلغا ئالساق، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، «ئۇزۇن ئۆمۈر مېۋىسى» ۋە «كۈتۈنۈش گۆھىرى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. 

    1. ئاقسىل

    ياڭاقنىڭ ئاقسىل مىقدارى 14.9g/100g گىرام، گەرچە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈرى يەنىلا ناھايىتى مول. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياڭاق ئاقسىلى تەركىبىدە 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسى سەككىز خىل بار ئىكەن، ئامىنو كىسلاتاسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30.38 ~ %26.98ىنى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشكە پايدىسى بار ئىكەن. 

    2. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى 

    ياڭاقنىڭ ياغ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ 58.8g/100gغا يېتىدىكەن، ئاساسلىقى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپ بولۇپ، مىقدارى ئومۇمىي ياغ كىسلاتاسىنىڭ %76.2ىنى ئىگىلەيدىكەن، لىنولېن كىسلاتاسى بىلەن لىنولېئىك كىسلاتاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ياغ كىسلاتاسىنىڭ %12.2 ۋە %64ىنى ئىگىلەيدىكەن. ياڭاق تەركىبىدىكى α لىنولېن كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى زىغىر ئۇرۇقىنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن باشقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولۇپ، بەدەندە DHAغا ئايلىنالايدىغان بۇ خىل تەركىب چوڭ مېڭە ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن، بىراق ئۆزگىرىش نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن تۇرىدىكەن. 

     3. ۋىتامىن E 

    ياڭاقتىكى ۋىتامىن Eنىڭ مىقدارى قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئىچىدە بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، 43.2mg/100g غا يېتىدۇ، بۇ ئورمان ياڭىقىنىڭ 1.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ۋىتامىن E بىر قەدەر كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، شۇنداقلا تۇغۇتتا كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا، يەنە نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ. 

    4. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب 

    ياڭاقتا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىبلەر مول بولۇپ، ئومۇمىي فېنول ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بەزىلەر يېڭى ياڭاق ئىچىدىكى ئۇرۇق پوستىنىڭ فېنول تۈرىدىكى ماددىلار ۋە فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، فېنول تۈرىدىكى ماددىلار ئىچىدە گاللىك كىسلاتاسى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، فىرولىن كىسلاتاسى مىقدارى ئەڭ ئاز؛ فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار ئىچىدە رۇتىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار ياڭاق مېۋىسىنىڭ ئۇرۇق پوستىدا بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بۇ تەركىبلەر بەدەننىڭ ياللۇغقا قارشى تۇرۇشى ۋە ئارتۇق ئەركىن رادىكاللارنى تازىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. ياڭاق مېۋىسىنىڭ ئۇرۇق پوستىدا فېنول تۈرىدىكى ماددىلار بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقىلا، قىرتاق تەم گەۋدىلىك بولىدىكەن. ئەگەر قوبۇل قىلالىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قاسرىقى بىلەن قوشۇپ يەڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ياڭاق تاغ ياڭىقى ئەمەس. بىز ئادەتتە دەۋاتقان ياڭاق ياڭاق ئۇرۇقدىشىنىڭ قاتتىق پوستلۇق مېۋىسى، تاغ ياڭىقى تاغدا ئۆسىدىغان ياڭاق ئەمەس، ئۇ كىچىك ياڭاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تاغ ياڭىقى ئۇرۇقدىشىنىڭ ئەزاسى. تاغ ياڭىقى ياڭاقتىن كۆپ كىچىك، پوستى قېلىن، يېيىشكە بولىدىغان قىسمى ئاز، ياڭاقنىڭ يېيىشكە بولىدىغان قىسمى %43، ئەمما تاغ ياڭىقىنىڭ يېيىشكە بولىدىغان قىسمى ئاران %24. ئوزۇقلۇق جەھەتتە ئىككىسىنىڭ پەرقىمۇ كىچىك ئەمەس، سېلىشتۇرۇپ باقساق، ياڭاق تەركىبىدە لىنولېنىك كىسلاتاسى، يېمەكلىك تالاسى، كالىي، سېلېن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى، تاغ ياڭىقى تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن E، ماگنىي مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى.

ئەسكەرتىش: تاغ ياڭىقى لىنولېنىك كىسلاتاسى سانلىق مەلۇماتى-پىشقان تاغ ياڭىقى         رەسىم مەنبەسى: ئاپتور 

      ياڭاقنىڭ «مېڭىنى قۇۋۋەتلەش»تىن باشقا بەدەنگە يەنە قانداق پايدىسى بار؟ 

     ياڭاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى، يېگەندە «مېڭىنى قۇۋۋەتلەش»نىلا ئويلىماڭ، دائىم ياڭاق يەپ بەرسە بەدەننىڭ باشقا تەرەپلىرىگىمۇ كۆپ پايدا قىلىدۇ!   

     1. قاندىكى ياغ تەركىبىنى ياخشىلاش 

    2018-يىلىدىكى 26 كىلىنىكىلىق تەجرىبىگە كىرگۈزۈلگەن 1059 نەپەر سىناققا قاتناشقان كىشىگە ئالاقىدار بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدىن بايقىلىشىچە، كۈندە ياڭاق يېمىگەنلەر سېلىشتۇرما گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياڭاق قوشۇلغاندىن كېيىنكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ قان پلازمىسىدىكى ترىگلىتسېرىد(TG)نىڭ سەۋىيىسىە روشەن ھالدا %5.52، تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى خولېستېرىنى(ناچار خولېستېرىن) سەۋىيەسى  %3.73، ئومۇمىي خولېستېرىن سەۋىيەسى %3.25 تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۆۋەنلىشى قاندا ياغ ئېشىپ كېتىشنىڭ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيىتى  بولۇش بىلەن بىللە،  ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدىكەن. 

    2. دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ژۇرنىلى»دىكى بىر پارچە تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە(بولۇپمۇ ياڭاق)نى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش دىيابېت كېسەللىكى خەۋپىنى تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سېمىزلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. شۇڭا، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى قەرەللىك(تەخمىنەن كۈندە بىر قېتىم) ئىستېمال قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بۇنى سېمىزلىك ۋە 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ساغلام يېمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى قىلىش كېرەك. 

     3. ئۇيقۇنى ياخشىلىشى مۇمكىن 

     كۆپچىلىككە ئايان، مېلاتونىن چوڭ مېڭە چىلغوزا تەنچىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بىر خىل ھورمۇن بولۇپ، ئادەمنى تەبىئىي ھالدا ئۇخلاشقا ئۈندەيدۇ، لېكىن بەدەن ياكى خىزمەت سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىنىڭ مېلاتونىن ئاجرىتىپ چىقىرىشى تەسىرگە ئۇچراپ ئۇيقۇسى بۇزۇلىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە مېلاتونىن مول بولغان يېمەكلىك بولۇپ، بەزى تەتقىقاتلاردا ھايۋانلارنى ياڭاق بىلەن باققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېنىدىكى مېلاتونىن ھورمۇنىنىڭ مىقدارى ئەسلىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسىچىلىك ئۆزگىرىدىغانلىقى بايقالغان. ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەر ئادەتتە دائىم ياڭاق يەپ بەرسە، ئۇيقۇغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن.

     4. تەشۋىشنى پەسەيتىش 

     قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ئىچىدە ياڭاقنىڭ α-لىنولېن كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر ياخشى. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، α-لىنولېن كىسلاتا نېرۋىنى قوغداش رولىغا ئىگە بولۇپ، تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، بېسىمنى يېنىكلىتىدىكەن. 

ياڭاق يېيىش توغرىسىدا كىچىككىنە تۆت تەكلىپ 

     گەرچە ياڭاق يېيىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ توغرا ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. ساغلام ياڭاق يېيىش توغرىسىدا بۇ يەردە تۆت كىچىك تەكلىپ بار، چوقۇم ساقلىۋېلىڭ. 

     1. ئەسلى تەملىك ياڭاقنى تاللاش 

     ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان ياڭاقلارنىڭ تەمى ھەر خىل، مەسىلەن، تاتلىق كەھرىۋا ياڭاق مېغىزى، تۇزدا قورۇلغان كاۋاۋىچىن ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلار، بۇ خىل ياڭاق مېغىزىنىڭ قەنت ياكى تۇز تەركىبى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، چىشنى قۇرت يېيىش، سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. كۆپرەك تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز ئەسلى تەم  ياڭاق مېغىزى ياكى پۈتۈن شاكاللىق ياڭاق مېغىزى. 

     2. ئەڭ ياخشىسى پوستى بىلەن يېيىش 

    نورمال ئەھۋالدا، ياڭاق مېغىزىنىڭ سىرتقى يۈزىدە قېنىق قوڭۇر رەڭلىك ياڭاق پوستى بار بولۇپ، تەمى قىرتاق، نۇرغۇن كىشى يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ، بازاردا پوستى ئېلىۋېتىلگەن ياڭاقلارمۇ بار، ئۇلار ئاپئاق ھەم پاكىز. ئەگەر سىز ياڭاقتىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تېخىمۇ كۆپ تەركىبكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، پوستى بىلەن يەڭ. 

     3. ساقلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش 

     ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ ئېچىپ، تەمى بۇزۇلۇپ قالغاندەك بولىدۇ. شۇڭا ھەر قېتىمدا ئاز سېتىۋېلىپ، ھىم ئېتىپ سوغۇق ساقلاش كېرەك. ئەگەر شاكىلى بارنى سېتىۋالغىلى بولسا تېخىمۇ ياخشى، سالقىن، قۇرغاق جايدا ساقلاپ، ئۇدۇللۇق ئىستىمال قىلىش كېرەك. كۆكىرىپ قالغان ياڭاقنى ھەرگىز يېمەڭ! 

     4. مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش 

    گەرچە دائىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئىستىمال قىلىش سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن بەك كۆپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسى»دە ھەر ھەپتىدە 70 ~ 50 گىرام قاتتىق پوستلۇق مېۋە ئىستىمال قىلىش، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 10 گىرام ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان، بۇ بىر دانە چوڭ قەغەز ياڭاققا ياكى 3 ~ 2 دانە تاغ ياڭىقىغا باراۋەر. ئەگەر نورمىدىن ئارتۇق ئىستىمال قىلغاندا، تاماققا ئىشلىتىدىغان ياغ مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىش ياكى ياڭاقنى قىسمەن چوشقا گۆشى، كالا گۆشىنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى قىسمىنى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

بىر دانە قەغەز ياڭاق مېغىزىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 9 گىرام      رەسىم مەنبەسى: ئاپتور تەمىنلىگەن 

      كىچىككىنچە ياڭاقنىڭ پايدىسى چوڭ! ھەر كۈنى ياڭاق يەپ بەرسىڭىز، قاندىكى ياغ سەۋىيەسى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرۇل قىلالايسىز، كەيپىياتىڭىزدا تەشۋىشلىنىش بولمايدۇ، بېسىمىڭىز تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ، يەنە سىزنىڭ دىققىتىڭىز، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىز، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارىڭىزغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تېزدىن ياڭاق يېيىشنى باشلاڭ!

«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.