تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 2023-يىلى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.2 ئۆرلىدى

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى

    2023-يىلى 12-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %0.3 تۆۋەنلىگەن، يېزىلارنىڭ %0.5 تۆۋەنلىگەن؛ يېمەكلىك باھاسى %3.7 تۆۋەنلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى %0.5 ئۆرلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1.1 تۆۋەنلىگەن، مۇلازىمەت باھاسى %1.0 ئۆرلىگەن.

   12-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسىنى زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا %0.1 ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %0.1 ئۆرلىگەن، يېزىلارنىڭ %0.1 ئۆرلىگەن؛ يېمەكلىك باھاسى %0.9 ئۆرلىگەن، يېمەكلىكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى %0.1 تۆۋەنلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.1 ئۆرلىگەن، مۇلازىمەت باھاسى %0.1 ئۆرلىگەن.

    2023-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %0.2 ئۆرلىگەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.