تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

مامۇق چاپاننىڭ ئىچىگە نېپىزرەك كىيسە ئىسسىق تۇرامدۇ؟ ئىنتايىن ئاددىي كىيىنىش ئۇسۇلى، تېز ساقلىۋېلىڭ

   ئىسسىقراق كىيىنەي دېسىڭىز، بۇ خىل ئۇسۇلدا كىيىنسىڭىز بولىدۇ

   1. سىرتىغا مامۇق چاپان، پاختىلىق كىيىم، قوي تىۋىتى پەلتۇ، مۇھىت ئاسرايدىغان نوركا كىيىملەر، دالا كىيىمى قاتارلىق شامالغا بەلگىلىك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە كىيىملەرنى تاللاپ كىيىش، ئەگەر قېلىنراق ھاۋا قەۋىتى ھاسىل قىلالايدىغان كىيىملەر بولسا تېخىمۇ ياخشى. 

   2. ئوتتۇرا قەۋىتىگە يۇمشاق، كۆپۈپ تۇرىدىغان تەۋرەنمە دانچە تىۋىتلىق، تىۋىتلىق، نېپىز قوي تىۋىتىلىق، مامۇق قاتارلىق ھاۋا قەۋىتى ھاسىل قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىش. ئەگەر چاپان ئەسلىدىنلا ئىسسىق ھەم سوغۇققا چىداملىق بولسا، چاپاننىڭ ئىچىگە كىيىدىغان كىيىملەرنى كىيمىسىمۇ بولىدۇ. 

   3. ئىچكى قەۋىتىگە نەملىك سۈمۈرۈشچان، ھاۋا ئۆتكۈزىدىغان، بەدەنگە يېپىشىپ تۇرىدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش ئىچ كىيىم، تېز قۇرۇيدىغان كىيىم، يوگا كىيىمى قاتارلىقلارنى كىيىش، تېز سۈرئەتتە نەملىكنى سۈمۈرىدىغان، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان كىيىملەر ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىدىن پەيدا بولغان نەم ھاۋانىڭ كىيىم ئىچىگە يىغىلىپ قېلىپ، سىرتقى كىيىمنىڭ كۆپۈپ تۇرۇش دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشتىن ساقلايدۇ. 

   ئەگەر بۇنداق كىيىنىشكە چۈشەنچىڭىز ئېنىق بولمىسا، كۆپچىلىككە يەنە بىرقانچە كونكرېت كىيىنىش ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:

   دەرىجىدىن تاشقىرى سوغۇققا قارشى تۇرۇش نۇسخىسى (نۆلدىن تۆۋەن 15 سېلسىيە گىرادۇسلۇق قېلىن قار ياغقان كۈنگە تاقابىل تۇرۇش) 

   ئەرلەر: قېلىن چاپان (يۇڭ چاپان ياكى مامۇق چاپان) + يۇڭ پوپايكا + يېپىشىپ تۇرىدىغان نېپىز مايكا

   ئاياللار: ئۇزۇن مامۇق چاپان + نېپىز مامۇق ئىچ كىيىم + ئۇزۇن يەڭلىك يوگا كىيىمى/تېرە كىيىم + يۇڭ ئىلمە توقۇلما كۆينەك + يېپىشىپ تۇرىدىغان نېپىز مايكا.

   ئادەتتىكى سوغۇققا قارشى تۇرۇش نۇسخىسى (نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇش) 

   ئەرلەر: قوي يۇڭى پەلتو + يۇڭ پوپايكا + قېلىن مايكا

   ئاياللار: ئۇزۇن نۇسخىدىكى قوي يۇڭى پەلتو + نېپىزرەك مامۇق كىيىم (مامۇق مىقدارى 30 گىرام ئەتراپىدا)+ ئۇزۇن يەڭلىك ئەتىيازلىق كىيىم (پەقەت ماتېرىيال سۈپىتى مۇۋاپىق بولسىلا بولىدۇ) 

   يارىشىملىق ھەم ئىسسىق كىيىنىش نۇسخىسى (نۆلدىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇش) 

   ئەر-ئاياللارغا ئورتاق: نېپىزرەك چاپان + ئۇزۇن يەڭلىك ئەتىيازلىق كىيىم

   ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچىگە ماتېرىيالى ساپ پاختا رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىشكە ماس كېلەمدۇ-يوق، يەنىلا ئەھۋالغا قاراش كېرەك. ئەگەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيىدىغان بولسا، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ بولمىسا، ساپ پاختا كىيىم كىيىش ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ؛ ئەگەر كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلسە، تەر كۆپ چىقىدىغان بولغاچقا، ساپ پاختا كىيىم تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ساپ پاختا كۆپ مىقداردىكى تەرنى سۈمۈرگەندىن كېيىن، نەملىشىپ بەدەنگە چاپلىشىپ ئادەمنى راھەتسىزلەندۈرۈپ، يەنە ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

   ساپ تىۋىت ياكى ساپ يۇڭلۇق كىيىملەرنى كىيىشنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بىراق بۇنداق كىيىملەرنىڭ باھاسى ئانچە تۆۋەن ئەمەس.

   ئەگەر باھا، سۈپەتنى ئويلىشىپ ئاددىيراق كىيىنىشنى ئويلىسىڭىز، ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىيالى بىلەن نەملىك سۈمۈرۈش ماتېرىيالى ئارىلاشتۇرۇلغان كىيىملەرنى تاللاش ياخشىراق بولىدۇ. مەسىلەن، جىڭلۇن، دىلۇن قاتارلىق ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ماتېرىياللار ۋە مودەيئېر، پاختا، يېپىشقاق تالا، بامبۇك تالاسى قاتارلىق نەملىك سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئارىلاشما توقۇلما ماتېرىياللاردىن تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە نەملىك سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق.

   بۇلاردىن باشقا، يەنە ئىچىگە ئۇزۇن تىۋىتلىق ئىچ كىيىملەرنى كىيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. گەرچە ئۇزۇن تىۋىتلىق كىيىملەر ئىسسىق بىلىنسىمۇ، ئۇزۇن تىۋىت تېرە يۈزىدە تەر پەيدا قىلىپ، ئادەمنى راھەتسىزلەندۈرىدۇ.

   ئىشتانلارنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كىيىش كېرەك. چۈنكى، قىشلىق كىيىم - كېچەكلەر ئادەتتە بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، ئاستىغا ئىككى قەۋەت كىيىنسىلا بولىدۇ، سىرتىغا شامالغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئىچىگە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، قوشۇمچە ئىسسىق ساقلايدىغان كىيىم بولسىلا بولدى.

  ئومۇمەن، ئىسسىقلىق ساقلاشتا قاتمۇقات كىيىنىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھاۋا رايىغا قاراپ كىيىم كىيىش ئۇسۇلىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن راھەت كىيىنگىلى بولىدۇ.

«شىنخۇا تورى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.