تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېشىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %30ىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەپ، «جۇڭگو قاچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ «شىنجاڭ ئاشلىقى» قاچىلاندى

    ئىستاتىستىكا تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىي ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، 2022-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ھوسۇلى زور دەرىجىدە ئاشقاندىن كېيىن، 2023-يىلى شىنجاڭ ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ھوسۇلى 21 مىليون 192 مىڭ توننىغا يەتتى، ئاشقان ھوسۇل 3 مىليون 57 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئاشقان ھوسۇل مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %34.4ىنى ئىگىلىدى. 

    پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 106 مىليون مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بايلىقى تۆت مودىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە %96تىن كۆپرەكى سۇغىرىلىدىغان يەر بولۇپ، كۆلەملەشتۈرۈش، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىغىندى تېمپېراتۇرا ۋە قىروۋسىز مەزگىلى مەملىكەت بويىچە ئوخشاش كەڭلىكتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. 

   شىنجاڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىر ئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. 10 مىليارد يۈەن مەبلەغنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مو بېشى مالىيە ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى 1740 يۈەنگە يەتكۈزدى. يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تۈرى ۋە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تۈر  مەبلىغىدىن 240 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇھىم نۇقتا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا مايىللاشتۇرۇلدى.

   شىنجاڭ ئاشلىق تېرىش تېخنىكىسى ۋە بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل، مۇنبەت ئېتىز، ياخشى تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە كۈچەپ، «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش» بويىچە بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، زىچلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېرىقچىلىق ھوسۇلى سۈپىتى جەھەتتە ئىپادىسى كۆرنەرلىك، شەكلى مۇقىم بولغان ئەلا سورتلارنى كېڭەيتتى. 

  سۇ بايلىقىنى ئېلاستىك تەقسىملەش ئىجادىي قانات يايدۇرۇلۇپ، سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش يوشۇرۇن كۈچى قېزىلىپ، سۇ تەڭشەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى قانغۇچە سۇغىرىش، زىرائەتلەرنى قاغجىرىتىپ قويماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2022-يىلى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ 4 مىليارد 950 مىليون كۇب مېتىر بولدى، 2023-يىلى يەنە يېڭىدىن 1 مىليارد 60 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ كۆلەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3 مىليون مو ۋە 500 مىڭ مودىن ئاشتى. 

   قۇرۇق تېرىپ ئاز-ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق دېھقانچىلىق سۇ تېجەش تېخنىكىسى كېڭەيتىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا سۇ قىس بولۇش ۋەزىيىتى پەسەيتىلدى. 

   ئاشلىق، ياغ شىنجاڭ نۇقتىلىق بەرپا قىلغان سەككىز چوڭ نۇقتىلىق كەسىپ توپىنىڭ بىرى. شىنجاڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «غەربىي شىمال ئاشلىق ئامبىرى»نى ياخشى بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.