تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ئەمدىلا ياخشىلىنىشىغا يەنە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام پەيدا بولدىمۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىسى!

   1-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى يەنىلا يۇقىرى نۇقتىدا داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارقىلىش ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەن A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H3N2 زەھەر تۈپىنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام زەھەر تۈپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆرلىگەن، ئاساسلىق تارقالغان زەھەر تۈپىB/Victoria(BV) سىستېمىسى بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جېنگو، ۋاكسىنا ئەملەش، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش يەنىلا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

   تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى A, B, Cدىن ئىبارەت ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ. B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ، ھاۋادىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن بوشلۇقى، كۆز شىللىق پەردىسى ئارقىلىقمۇ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىشتىن تارقىلىدۇ. ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان بۇيۇملارمۇ يۇقارقى يوللار ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقلار ۋە يوشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، يوشۇرۇن مەزگىلدىن تارتىپ كېسەللىك قوزغالغان جىددىي مەزگىلگىچە يۇقۇشچانلىققا ئىگە، يوشۇرۇن مەزگىلى 7 ~ 1 كۈنگىچە، كۆپ ھاللاردا 4 ~ 2 كۈنگىچە بولىدۇ.

   B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا كېسەللىك جىددىي قوزغىلىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىلىرىدىن قىزىش، يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل ئاغرىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش ۋە پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش قاتارلىقلار بار. بالىلار B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندا قىزىش دەرىجىسى ئادەتتە چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ سوغۇقتىن قورقۇش، تىترەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.

   A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىككىلەمچى تىپ بولۇپ، گىرەلەشمە ئىممۇنىتېتلىق قوغداش ئۈنۈمىگە ئىگە ئەمەس. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ياكى B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەگەر ئاغرىقنىڭ تېنى نىسبەتەن ئاجىز بولسا، يەنىلا باشقا بىر خىل ئىككىلەمچى تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملىگۈچىلەردە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ.

   تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىرلا ۋاقىتتا A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ۋاكسىنا ئەملەتكەن كىشىلەر توپىنىڭ A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ. ھازىرقى باسقۇچتا، ئۈچ ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ياكى تۆت ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۈچ ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ، A تىپلىق H3N2 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ۋە B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىB/Victoria(BV) سىستېمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ تۆت ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى يۇقىرىقى ئۈچ خىل تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئالغاندىن سىرت، يەنە B تىپلىق(BV)B/Yamagata سىستېمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. «كۆپچىلىك تاللىغاندا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، ئىمكانقەدەر تۆت ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئويلاشسا بولىدۇ، B تىپلىق تارقىلىشچان زۇكامغا نىسبەتەن قوغداش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى گاۋ جېنگو.

   بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە قولنى پاكىز يۇيۇش، پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات قىلىش ۋە دەم ئېلىش؛ ئادەم زىچ توپلاشقان جايلارغا بارغاندا ماسكا تاقاپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.