تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

ئاجراشقاندا ئىككى تەرەپ بېكىتكەن بېقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا بولامدۇ؟

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لى جىلياڭ سىزغان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شۇاڭپىڭ

 بالا بېقىش، تەربىيەلەش كىشىلىك ھاياتتىكى بىر چوڭ ئىش، بىر بالىنى بېقىش، تەربىيەلەش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. كۆپ ساندىكى ئەر- خوتۇنلار ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، بالىنى بېقىش خىراجىتى بېرىش مەسىلىسىنى ياخشى پۈتۈشىدۇ، ئەمما پۈتۈشكەن بېقىش خىراجىتى بالىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، بالىنى باققۇچى تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن بېقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

 يېقىندا، خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇنداق بىر دېلوغا قاراپ چىقتى.

 لى x بىلەن جاۋ x ئىلگىرى ئەر- خوتۇن بولۇپ، تويدىن كېيىن ئىككىيلەن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان. 2016- يىلى، لى x بىلەن جاۋ x چىقىشالمىغانلىقتىن، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ئاجراشقان، قىزىنى جاۋ x باقىدىغان، لى x ھەر ئايدا 500 يۈەن بېقىش خىراجىتى بېرىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن.

 ئاجراشقاندىن كېيىن جاۋ x نىڭ كىرىمى چەكلىك بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىزچىل قايتا توي قىلمىغان، قىزىنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان. مال باھاسىنىڭ يىلدىن- يىلغا ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ تۇرمۇش چىقىمى ۋە تەربىيەلىنىش چىقىمى خېلىلا ئاشقان، لى x ھەر ئايدا بېرىدىغان بېقىش خىراجىتى قىزىنىڭ تۇرمۇش ۋە تەربىيەلىنىش چىقىمىغا يەتمىگەن، جاۋ x قىزىنىڭ نامىدا لى x ئۈستىدىن خوشۇت ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، لى x تىن بېقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق جاۋ x نىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللاپ، لى x نىڭ ھەر ئايدا بېرىدىغان بېقىش خىراجىتىنى قىزى 18 ياشقا توشقانغا قەدەر 500 يۈەندىن 1200 يۈەنگە تەڭشەپ بەرگەن.

 سوتچىنىڭ سۆزى

 بۇ دېلودا لى x بىلەن جاۋ x ئاجراشقاندا، قىزىنى ئانىسى جاۋ x باقىدىغان، لى x ھەر ئايدا قىزىغا 500 يۈەن بېقىش خىراجىتى بېرىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەن، ئىككى تەرەپ ئاجراشقاندىن تارتىپ دەۋا قىلغانغا قەدەر 7 يىل ئۆتكەن. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىدا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولغان، شۇڭا بېقىش خىراجىتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار. بۇنىڭغا ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى لى x نىڭ كىرىم ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، لى x نى ھەر ئايدا 1200 يۈەن بېقىش خىراجىتى بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.

 قانۇن ماددىسى ئۇلانمىسى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1085- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاجراشقاندىن كېيىن بالىنى بىر تەرەپ بىۋاسىتە بېقىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپ بېقىش خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ ئاز- كۆپلۈكى ۋە تۆلەش مۆھلىتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

 ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېلىشىم ياكى ھۆكۈم پەرزەنتلەرنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتىسى ياكى ئانىسىغا كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن سوممىدىن ئاشۇرۇپ مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.