ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2023 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، شىنجاڭدا مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىقىمنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقى زورايتىلىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 547 مىليارد 990 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 47 مىليارد 610 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %9.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلگەن چىقىمنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %77.7 بولغان.
تىيانشان تورى خەۋىرى تەكلىماكاندىكى كۈي ساداسى. سۈرەتتە، شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى يانتاق يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە، بالىلار مۇزىكا دەرسى ئوقۇۋاتقان مەنزىرە. يانتاق يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ رىجاۋ شەھىرى 46 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ياتاقلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، ھازىر 1100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، يېزا-كەنت مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.
تىيانشان تورى خەۋىرى ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ خىراجەت ياردىمىدە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى يېزا-بازار ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرىدە يېڭى مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كەڭ يېزا-كەنت، چارۋىچىلىق رايونى، تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپكە كىرگەن ئۆسمۈرلەرگە نەپ يەتكۈزدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ قاراماي شەھىرى شۆگەي يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا چىقماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. قەشقەر ۋىلايىتى مەكتەپ پۇتبول ھەرىكىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، كىچىك «پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر»نى تاللاپ مەشىق قىلدۇردى. شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول ھەرىكىتىنى قىزغىن قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ھەم بەدەن ساپاسىنى چېنىقتۇردى، ھەم ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ مەنزىرىلىرىنى بەرپا قىلدى. سۈرەتتە: ياز كۈنلىرى بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقىدا سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، قارلىق تاغ، دەريا-ئېقىن، ئوتلاقلار ئىنتايىن گۈزەل بىر پارچە يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈردى.
كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شۇ جاي ئومۇمىي خەلق كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرغان يېشىللىق رىۋايىتىنى پۈتۈپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆكياردىكى يېشىللىق ئاقسۇدىكى تۇتاش كەتكەن يېشىللىقنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. سۈرەتتە: كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا بوشلۇقتىن نەزەر.
شىنجاڭدا پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ يىللىق پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون توننىدىن ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پاختىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋېلىش نىسبىتى %85تىن ئاشتى، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى. سۈرەتتە: پاختا يىغىش ماشىنىلىرى شىنجاڭ ئارال شەھىرىدىكى كېۋەزلىكتە پاختا يىغماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ھازىر، شىنجاڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانى ئەلا سۈپەتلىك پاختا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە. سۈرەتتە، بىر توقۇمىچىلىق شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭ يۆلەش، خىراجەت ياردىمى بېرىش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىپ، يېتىم، مېيىپ بالىلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇقى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېتىم، مېيىپ بالىلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. سۈرەتتە: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا، ئالاھىدە مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 30 يىل بولغان ياڭ رۇي مۇئەللىم بالىلارغا ئەقىل يېتىشتۈرۈش ماتېماتىكا دەرسى ئۆتمەكتە.
نامراتلارنى يۆلەش قويى قۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامرات كەنتلەرنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قان بېرىپ نامراتلارنى يۆلەشتىن قان ئىشلەپ نامراتلارنى يۆلەشكە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. سۈرەتتە: شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى قارادۈۋە كەنتىدىكى دېھقانلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى بويىچە تارقىتىلغان نامراتلارنى يۆلەش قويىغا ئېرىشتى. «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
12-ئاينىڭ 16-كۈنى، خوتەن ناھىيەلىك داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسى بۇزاق يېزىلىق شۆبىسى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى باش دوختۇرخانىسىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى كىبىر دۆلەت دوختۇر (ئوڭدىن 2-كىشى)نىڭ باش ئوپىيراتسىيەچىلىكىدە، ئىككى قېتىملىق چۇقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى، بۇ، بۇزاق يېزىلىق دوختۇرخانا يېڭىدىن سالغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئوپېراتسىيە بۆلۈمىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامانگۈل ئابابەكرى)
شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاتلىنىپ، مۇنەۋۋەر داۋالاش بايلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزدى. سۈرەتتە: قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان شۇ جايدىكى ئامما گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتماقتا.
ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى. شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى، ھەر مىللەت ئامما سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويدۇرۇش، بالدۇر داۋالىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سۈرەتتە: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئېرىق يېزىسى تاغارچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا تاشيولىنىڭ تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىش چوڭقۇرلۇقى ۋە راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. سۈرەتتە: شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى لاۋتەي يېزىسى ئەرگۇڭخې كەنتىدە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى يول ياسىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى شەھەرنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىت سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، دۆلەت باغ-ئورمان شەھىرى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىپ، شەھەرنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر ئورمان ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئادەم باغچە ئىچىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. سۈرەتتە شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى دۇڭچېڭ رايونىنىڭ يېڭى قىياپىتى.
تىيانشان تورى خەۋىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى خادىملىرى «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، توپلانما مۇلازىمەت قىلىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، كارخانا ۋە ئامما ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئىش بېجىرگەندە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلققە قولايلىق ياراتتى، خەلققە نەپ يەتكۈزدى. سۈرەتتە، شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىنىڭ خىزمەتچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ كەسىپ بېجىرمەكتە.
تىيانشان تورى خەۋىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم زامانىۋى يېڭى كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمۇ كۈنسېرى ئىشەنچكە تولدى. سۈرەتتە، شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى يۇقارقى قاز ئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇسى.
شىنجاڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، رەت-رەت بىخەتەر، ئىشەنچلىك، قىياپىتى يىپيېڭى، ئىقتىدارى تولۇق، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان يېزا ئەمىن ئۆيلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى 8000دىن ئارتۇق كەنتتە قەد كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. سۈرەتتە: شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى قاراتوقاي بازىرى داغىنبەل كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى.
تىيانشان تورى خەۋىرى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تۈپتىن ياخشىلىدى. سۈرەتتە: ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسى جياڭشى يېڭى كەنتىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ يېڭى قىياپىتى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكا يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە كونترول قىلدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ سانجى شەھىرى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ كەلگۈسى يېزا ئىگىلىك سارىيىدا، ئىشچىلار كۆكتاتلارنى كۈندىلىك پەرۋىش قىلماقتا.
شامال ئېنېرگىيەسى ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە بازىسى ياخشى قۇرۇلدى. شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىنىڭ شامال ئېنېرگىيە بايلىقى ئىنتايىن مول، شامال رايونىنىڭ كۆلىمى 2118 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، نۆۋەتتە 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر كەسپى توپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلماقتا. سۈرەتتە: داۋانچىڭ رايونى شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. سۈرەتتە: شىنجاڭ سانجى شەھىرى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ تىيانشان ئۇن-بۇغداي يېمەكلىك پىششىقلاش كەسىپ باغچە رايونى سېخىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم تەييار ئۇنلارنى دۆۋىلىمەكتە. ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملەشكەن سېخ قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نۆۋەتتە بۇ كەسىپلەر باغچە رايونىدا كۈنىگە 1300 توننا بۇغداي ئۇنى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، پەقەت ئۈچ ئىسمېنا، ئالتە ئادەم بىلەنلا مەشغۇلاتنى تاماملىغىلى بولىدۇ.
(سۈرەتلەر تىيانشان تورىدىن ئېلىندى)