ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئامما يەر تەۋرىگەندە خەتەردىن، تەۋرىنىشتىن قانداق ساقلىنىشى، يەر تەۋرەش مەركىزىدە ئۆزىنى، بىر- بىرىنى قانداق قۇتقۇزۇشى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن قانداق مۇداپىئەلىنىشى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشى كېرەك؟
بىرىنچى، يەر تەۋرىگەندە خەتەردىن ساقلىنىش، تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش
1. يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن ھامان ئامال بار تەمكىن بولۇش كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۆي ئىچىدە يېقىن ئەتراپتىن بىخەتەر بوشلۇق تېپىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش كېرەك، مەسىلەن، ئۆي ئىچىدىكى پۇختا، ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدىغان، بەدەننى قوغدىيالايدىغان جىسىملارنىڭ ئاستى ياكى يېنى، ئارىلىقى كىچىك، تىرەك بار جايلار. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان ئۆيلەردە ئامال بار كەڭ جايلارغا ۋاقتىدا قېچىش كېرەك.
2. تەۋرىنىشتىن توغرا ساقلىنىش قىياپىتى قوللىنىش، بۇ دۈم يېتىش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرۇۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىپ، بەدەننىڭ باش، بويۇن قاتارلىق مۇھىم قىسىملىرىنى قوغداش كېرەك.
3. يەر تەۋرىگەندە ئوچاق، يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى، دېرىزىگە ھەم ئىمارەتنىڭ سىرتقى تېمىغا يېقىنلاشماسلىق، ئاسما چىراغ، ئاسما شامالدۇرغۇچ قاتارلىق ئاسما نەرسىلەر ئاستىدا تۇرۇپ قالماسلىق، چوڭ كىيىم ئىشكاپىغا يوشۇرۇنۇۋالماسلىق، لىفىتقا ئولتۇرماسلىق، ئاپتوموبىلنى داۋاملىق ھەيدىمەسلىك كېرەك.
ئىككىنچى، يەر تەۋرىگەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە بىر- بىرىنى قۇتقۇزۇش
1. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش
ئەگەر كۆمۈلۈپ قالسا، بەدەننى بېسىۋالغان نەرسىلەرنى ئىمكانقەدەر تازىلاپ، ئېغىز ۋە كۆكرەك قىسمىغا بەلگىلىك بوشلۇق قالدۇرۇپ، نەپەسلىنىشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆزىدە قان چىقىش، سۆڭەك سۇنۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئەگەر قان چىققان بولسا، دەرھال بېسىپ قان توختىتىش ياكى ئېلاستىكىلىقى بىر قەدەر ياخشى بولغان بوغقۇچ بىلەن قان چىققان ئېغىزنىڭ يۈرەككە يېقىن ئۇچىنى باغلاپ قاننى توختىتىش كېرەك. ئەتراپتىكى قاتتىق نەرسىلەرنى ئارىلاپ- ئارىلاپ ئۇرۇپ، قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىش لازىم. جىسمانىي كۈچ سەرپىياتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، سۇ ۋە يېمەكلىكنى تېجەپ ئىشلىتىش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا سۈيدۈكمۇ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ.
2. بىر- بىرىنى قۇتقۇزۇش
ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، بىر- بىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئاكتىپ قاتنىشىش كېرەك. قۇتقۇزغاندا، ئالدى بىلەن قاپسىلىپ قالغۇچىنىڭ باش قىسمىنى ئوچۇق قويۇش، ئاندىن كۆكرەك، قورساق ۋە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىنى ئوچۇق قويۇش كېرەك، مەجبۇرىي سۆرەشكە بولمايدۇ. ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتقۇزغىلى بولمىسا، ئالدى بىلەن سۇ، يېمەكلىك، دورىلارنى كۆمۈلۈپ قالغۇچىغا سۇنۇپ بېرىش ھەم بەلگە سېلىپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كېلىشىنى ساقلاش ھەم قالدۇق يەر تەۋرەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن مۇداپىئەلىنىش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك، تۇرالغۇ مۇھىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا شەخسىي ساغلاملىق مۇداپىئەسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
1. ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا دىققەت قىلىش
يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۆي قۇرۇلمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش، سۇ، توك، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئامما تېزدىن جىددىي پاناھلاندۇرۇش ئورنى ياكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىشى كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مۇھىت تازىلىقىنى ساقلاش؛ خالىغان يەرگە چوڭ- كىچىك تەرەت قىلماسلىق، ئەخلەتنى خالىغانچە تاشلىماسلىق، ھايۋانلارنىڭ تاپلىرىنى ۋاقتىدا چوڭقۇر كۆمۈپ، سۇ مەنبەسىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
2. يېمەكلىك- ئىچىملىك سۇ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش
قاينىتىلمىغان سۇ ئىچمەسلىك، ئىمكانقەدەر بوتۇلكىغا قاچىلانغان سۇنى ئىچىش، دېزىنفېكسىيە قىلىنغان سۇنىمۇ قايناتقاندىن كېيىن ئىچىش كېرەك. تاماقنى ئوبدان پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك. يېمەكلىك تەييارلاش، بالا ئېمىتىشتىن بۇرۇن، تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن، ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىشنىڭ ئالدى- كەينىدە، ھايۋانلار ياكى ھايۋانلارنىڭ تاپلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئەخلەت بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئالدى- كەينىدە قول يۇيۇش كېرەك. قول يۇغاندا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا سوپۇن ۋە ئېقىپ تۇرغان سۇ بىلەن يۇيۇش ھەم ۋاقتىدا سۈرتۈپ قۇرۇتۇش كېرەك.
3. پاشا، چىۋىن ۋە چاشقاننىڭ كېسەل تارقىتىشىدىن ساقلىنىش
يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا چىۋىن، چاشقاندىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش ھەم شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تۇرۇشلۇق جايدا چىۋىن، چاشقانلارنى يوقىتىش كېرەك. ياتىدىغان جاي ئەڭ ياخشىسى يەر يۈزىدىن بەلگىلىك ئېگىز بولۇشى، ئادەملەرنىڭ چاشقان ياكى ۋاسىتىچى ھاشارات قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. زەخمىلەنگەن يارا ئېغىزىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن تېزدىن تېڭىش كېرەك. ئەگەر يارا ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىش، بەدەن سۇيۇقلۇقى سىرغىپ چىقىش قاتارلىق يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا كەسپىي داۋالاش ياردىمى تەلەپ قىلىش ھەم يارا ئېغىزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تېببىي خادىملار قاتما ۋاكسىنىسى ئۇرۇش ياكى ئۇرماسلىقنى بېكىتىش كېرەك.
4. سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش
سوغۇق مەزگىلدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرسە، سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش، شۇنداقلا ۋاقىتلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەيدان- سورۇنلىرىنىڭ ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈش ھەم ئىسسىق ساقلاش بۇيۇملىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىش ۋە كۆيۈپ يارىلىنىش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن ساقلىنىش كېرەك. قۇتقۇزۇش خادىملىرى سوغۇقتىن ساقلاش خىزمەت كىيىمى كىيىشى، كىيىمنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئاپەتتىن ساقلىغۇچى خادىملار ئىمكانقەدەر راھەت، ئازادە كىيىملەرنى كىيىپ بەدىنىنى ئىسسىق تۇتۇشى كېرەك. شارائىت يار بەرمىسە، ئامال بار بەدەننىڭ يادرولۇق رايونى، مەسىلەن، باش، بويۇن، كۆكرەك قىسمىنىڭ ئىسسىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەم ۋاقتىدا ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. ھارارەتنى يوقىتىش كېسەللىك ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش، تېرە تاتىرىپ مۇزلاش، كالپۇك، قۇلاق يۇمشىقى سۆسۈن رەڭگە كىرىش، نەپىسى، يۈرەك سوقۇشى ئاستىلاش قاتارلىق تۆۋەن بەدەن تېمپېراتۇرىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى