تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەش

− 2023 - يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ زىمىڭ، ۋاڭ پېڭ، گاۋ لېي، ۋاڭ مىڭيۈ

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل.

كۆپ ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە ئېغىر، مۇشەققەتلىك ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى.

قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكىمۇ ئېھتىياجلىق.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش ئاساسىي مېلودىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىدىيە بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چۆرىدەپ، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا، يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دەۋر ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئىدىيە مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، ئۇ ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش چوڭ ئەندىزىسىگە قويۇپ، 2023 - يىلى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئۆگىنىش دولقۇنىنى قوزغىدى −

2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بىر مەيدان كاتتا «باش تېما تەربىيەسى داۋاملاشماقتا» مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش پائالىيىتى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خەيئەن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە، بىنخەي يېڭى رايونىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشى قىلدى، ھەمبەھرىلىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەر نەق مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىغىچە، دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلىدىن چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى.

نوپۇزلۇق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاشتىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشقىچە، كىتابتىن ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىش، نەق مەيداندا ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشكىچە، يەنە ئۆگىنىش ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىشكىچە، كۆرۈنۈشلۈك، رەقەملەشكەن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، زور بىر تۈركۈم جانلىق يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلدى...

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى بىر قاتار پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە، ھەقىقەت كۈچىنى ھېس قىلىشقا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى «چوڭ ئۆگىنىش»نى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

نەزەرىيە تەتقىقاتى ئالغا سىلجىتىلىپ، نەتىجىلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى −

بېيجىڭ كىتاب سارىيىغا كىرگىنىمىزدە، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق» كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايغا تىزىلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇرمەننى قەدىمىنى توختىتىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلدى.

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نوپۇزلۇق دەرسلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت - ئەسەر تەھرىرلەش كومىتېتى نامىدا تەھرىرلەنگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم ئەسىرى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئۈستەل ئۈستىدىكى دەستۇرى»غا ئايلاندى.

بىر يىلدىن بۇيان، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندىلەر» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى (2023 - يىل نەشرى)» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن نەشر قىلىندى، «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋاب» «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋاب» قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» بىرتۇتاش تۈزۈلگەن دەرسلىك سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئوقۇتۇشىدا ئىشلىتىلدى...

نەزەرىيە نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، ئىلمىي قائىدىلەشتۈرۈش تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.

تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈلدى −

2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بىر مەيدان ئۆزگىچە «مىكرو لېكسىيە» تيەنجىن داشۆ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە باشلاندى. تيەنجىن داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۈ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلىدى، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىدى.

ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنىڭ سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، تيەنجىن داشۆ يەنە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلىملىرىنى، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا ئىشلىتىشكە يېتەكلىدى ھەم ۋىيشىن، دوۋيىن قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ياقتۇرىدىغان سۇپىلار ئارقىلىق يوللاپ، تېخىمۇ كۆپ تەڭ دېمەتلىكلەرنى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىشكە، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىنى تارقىتىشقا جەلپ قىلدى.

جانلىق ئىدىيەنى جانلىق سۆزلەش، مۇكەممەل نەزەرىيەنى مۇكەممەل سۆزلەش كېرەك.

ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقى بولغان «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش»تە زور باش تېما كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كونكرېت ھېكايىلەرگە، ئەدەبىي ئۇسلۇبى ساپ بولغان بايانغا ئايلاندۇرۇلدى؛ ھۆججەتلىك فىلىم «گۈللىنىشكە تۇتاشقان يول»دا كامېرا تىلى ۋە مىسال ھېكايىلەر ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى نامايان قىلىندى... تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئىپادىلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ پۇقرالارغىچە يەتكۈزۈلۈشىگە، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئىلمىي نەزەرىيەنى «پۇقرالار ئائىلىلىرىگە تېز كىرگۈزۈش»تە ئاخبارات تاراتقۇلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

بىر يىلدىن بۇيان، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات تاراتقۇلىرى «باش شۇجىنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتى» «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى» «يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ئىستونلارنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، «خەلق ھاكىمىيىتى» «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» قاتارلىق تور بەتلىرىنى قاپلىغان زور بىر تۈركۈم مۇھىم ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ھەم باش شۇجىنىڭ تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا دائىر خەۋەرلەردە كۆپ خىل ژانىرلارنى قوللىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ، چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە كەڭ قورساق سالاپىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى.

شەكلى كۆپ خىل بولغان نەزەرىيە ئۆگىنىشى، دىققەت ئالدىنقى قاتارغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان نەزەرىيە چۈشەندۈرۈشى... تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ بىر قاتار يېڭى تەدبىرى، يېڭى ئۈنۈمى، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ شىمالغا سوزۇلغان بۆلىكىگە جايلاشقان جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، باش شۇجى نەزەرىنى تورۇسقا ئاغدۇردى. كۆز يەتكەنلا جايدىكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش ئويما ئاسترونومىيە خەرىتىسىدە قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، سامانيولى چاقناپ تۇراتتى، كۆز يەتكۈسىز چەكسىز ئىدى. كۇتۇپخانىدا يېڭى جۇڭگونىڭ 30 مىڭغا يېقىن نادىر نەشر بۇيۇمى كۆركەم تىزىلغانىدى.

مەدەنىيەت تومۇرى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىنىپ، مەدەنىيلىك ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلدى.

ئەتىسى ئېچىلغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى تۇتاشتۇرىدىغان مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بەش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز».

جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيلىك مەشئىلىگە ۋارىسلىق قىلىندى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنىڭ بۇرچى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.

بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «باھار سۈيى» تەلتۆكۈس جانلاندۇرۇلۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

مەدەنىيلىك جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى −

سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى سۇجوۋدىكى بۈگۈنگىچە ئەڭ تىپىك، ئەڭ مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش رايونى بولۇپ، 2500 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

2023 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيان، «پىڭجياڭدىكى توققۇز كوچا» بويىچە شەھەرنى يېڭىلاش تۈرى ھەم «قەدىمىي شەھەرنى قوغداش، يېڭىلاش ھەمراھ پىلانى» سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى. كۇنچۈ تىياتىرى، پىڭتەن، سۇجوۋ كەشتىسى، يىپەك زىغزىق قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى توپلاشقان بۇ جايدا ئەسلىي ھالەتتىكى گۇسۇ ئۇسلۇبى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قوغدىلىپ، تارىخىي يىلتىز تومۇرى ساقلاپ قېلىندى.

مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىشتىن سەددىچىن سېپىلى، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسى قاتارلىق زور مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقىچە؛ نەنخەي دېڭىزىنىڭ غەربىي شىمال يانتۇلۇقىدىكى 1 - نومۇرلۇق، 2 - نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىسى قاتارلىق زور ئارخېئولوگىيە تۈرىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ 5 - باسقۇچلۇق تەتقىقاتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە؛ «پۇئېر جىڭمەيشەن تېغى قەدىمىي چايزارلىق مەدەنىيىتى مەنزىرىسى»نىڭ «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە تاللاپ كىرگۈزۈلۈشىدىن چوڭ تىپتىكى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمىي ئەسەرلەرنى رەتلەش، قوغداش تۈرى بولغان «جۇڭخۇا تېبابەت دەستۇرى»دىن ئىبارەت تۇنجى تۈركۈمدىكى نەتىجىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغىچە...

بىر يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملىق گۈللەندى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.

جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت دەۋر قىياپىتىنى ئۇرغۇتتى −

ئالتۇن نىقاب، بىرونزىدىن ياسالغان خاسىيەتلىك ئىدىش، بىرونزىدىن ياسالغان، ئۇلاغ مىنىپ بېشىدا جام كۆتۈرگەن ئادەم ھەيكىلى... سىچۇەن سەنشىڭدۈي مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيىدا، قېزىۋېلىنغان نەپىس مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز ئىدى.

يېڭىدىن قېزىۋېلىنغان نەچچە يۈز «قىممەتلىك بۇيۇم» تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى، AI ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ۋاسىتىسىز 3D ئارقىلىق ئارخېئولوگىيەلىك «فاڭساڭ» ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يېڭى ساراي كۆرگەزمە كۆرۈش تەسىراتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشقا تىرىشىپ، كۆرۈرمەنلەرگە بىر مەيدان تارىخىي مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى بەردى.

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن رېئال مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈش، زىچ بىرلەشتۈرۈشكە ماھىر بولغاندىلا، ئاندىن ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا راۋاجلاندۇرغىلى، راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدا ۋارىسلىق قىلغىلى بولىدۇ.

شەندۇڭ چۈفۇدا، چوڭ تىپتىكى ئويۇن «جىنشېڭ يۈجېن»دا قەدىمىي ئۇسلۇب، قەدىمىي پۇراق تولۇق نامايان قىلىندى؛ چىڭخەي شىنىڭدا، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «خېخۇاڭ»غا چىڭخەي خۇائېر ئۇسلۇبى، خېخۇاڭ تېرە قونچاق تىياتىرى ئويۇنى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سىڭدۈرۈلدى؛ «رەقەملىك دۇنخۇاڭ» تور بېكىتىنى ئاچقاندا، قەدىمىي غار، تام رەسىملىرىنى ھەر ۋاقىت توردا كۆرگىلى بولىدۇ...

بۈگۈنكى كۈندە، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ زېمىنغا تارقالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلار بارغانسېرى جانلىنىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئىپادىلەش شەكلى ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

پۇقرالارنىڭ قەلب ئېتىزى ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئاشتى −

66 مىليون ئادەم قېتىم! بۇ، 2023 - يىلىدىكى جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇزېيلار كۈتۈۋالغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى.

بېيجىڭدا، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى؛ شىئەندە، نۇرغۇن ياش ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، بۈيۈك تاڭ كېچە بولماس شەھەرچىسىنى ئايلاندى؛ داتۇڭدا، يۈنگاڭ تاش غارى مەنزىرە نۇقتىسى ئالدىدا ساياھەتچىلەر مىغ - مىغ بولۇپ، ئايىغى ئۈزۈلمىدى... بۈگۈنكى جۇڭگودا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى» قىزىپ كەتتى، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شامىلى» ئەۋج ئالدى، «شېئىر قىزغىنلىقى» كۆتۈرۈلدى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى يورۇتتى.

تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى خەلق ئاممىسى ياقتۇرىدىغان، ھەممە تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا، كىشىلەر زامان - ماكان ھالقىغان مەدەنىيلىك ئەكس ساداسىنى ئاڭلىماقتا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىدىن بەھرىلەنمەكتە.

تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملىدى

يېڭى دەۋردە بىر مەقسەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىپ، يېڭى مۇساپىدە زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەش.

تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئومۇمىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، قىممەت يېتەكچىلىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشەنچنى كۈچەيتتى، خەلق رايىنى مۇجەسسەملىدى، قەلبلەرنى ئىللىتتى، قەلبداش بولدى.

2023 - يىلى، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغان بىر يىل بولدى.

دەۋر تومۇرىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى قويۇق، رەڭدار، يارقىن نۇقتىلار كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن ئىقتىساد تەشۋىقاتى ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ روھىنى چۆرىدىگەن بىر قاتار تەشۋىقات، خەۋەرلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ھۆكۈمى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشكە كۈچ قوشتى؛

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى» «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» قاتارلىق باش تېمىلىق زىيارەت ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى خاتىرىلەندى؛ مەركەزدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق تاراتقۇلار «ئىشەنچنى كۈچەيتىش . يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» «يېزا - كەنتلەرگە سەپەر. گۈللىنىشكە نەزەر» قاتارلىق مەخسۇس ئىستونلارنى تەسىس قىلىپ، تىپىك مىساللار ۋە جانلىق ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈپ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى؛

دىققەت تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش بويىچە ئالتە جەھەتتىكى 20 تۈرلۈك تەدبىرى، ساقلانما مىقداردىكى تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەت پايدىسى ئېنىق قويۇپ بېرىلىپ، جەمئىيەت كۆزلىمىسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا كۈچ قوشۇلدى؛

ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇشى، تەڭشىشىگە سىجىل ئىز قوغلاپ دىققەت قىلىنىپ، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر ئەھمىيەت بېرىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ «ھارارىتى»، بەخت «تۇيغۇسى» تولۇق نامايان قىلىندى.

تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ھەربىر كۈچلۈك پاكىت، ھەربىر جانلىق مىسال، ھەربىر پارچە تەپسىلىي خەۋەر ئارقىلىق، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بازار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەلتۆكۈس چۈشەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە جەمئىيەت كۆزلىمىسىنى ياخشىلاپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئورتاق تونۇشنى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىكمە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى.

مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈلگىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىدىن ئايرىلالمايدۇ.

2023 - يىلى 12 - ئايدا، «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يولداش باۋ ۋېيجۇڭغا <دەۋر نەمۇنىچىسى> نامىنى تولۇقلاپ بەردى» دېگەن خەۋەر تورنى قاپلىدى، بىر ھەپتە ئىچىدە، پۈتۈن توردىكى ئوقۇلۇش قېتىم سانى 260 مىليون قېتىمدىن ئاشتى.

«خەلقنىڭ ياخشى سوتچىسىغا ئېھتىرام» «ئۇ ئىسمى ئارقىلىق كىشلىك ھاياتىنى ئىزاھلىدى، ئۇ ھاياتى ئارقىلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى»... تورداشلار قالدۇرغان سەمىمىي سۆزلەردە نەمۇنىچىگە بولغان چىن ئېھتىرام ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

«دەۋر نەمۇنىچىلىرى» «ئەڭ گۈزەل شەخسلەر» «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر» قاتارلىقلارنى سىجىل ئېلان قىلىشتىن 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلاش، تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك 8 - مارت قىزىل بايراقدارى ۋە مەملىكەتلىك ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىلىرى قاتارلىق ئىلغار تىپلارنى تەقدىرلەشكىچە؛ 60 - قېتىملىق لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنى پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەشتىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش داۋامىدىكى قارشى يۆنىلىشتە ماڭغۇچىلارنىڭ سىيماسى، ئاددىي كىشىلەرنىڭ خەيرىيەتلىك ئىشلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشكىچە...

بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى ئۈلگىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن بايان قىلىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مەنىۋى مۇنبەت تۇپراقنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيلىك ئاساسىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش بۇرغىسى بولۇپ، بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىگە ئەڭ ياخشى ۋەكىللىك قىلالايدۇ، بىر دەۋرنىڭ كەيپىياتىغا ئەڭ ياخشى يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

2023 - يىلى، «چاڭئەندىكى 30 مىڭ چاقىرىم يول» «فېڭشېن 1 - بۆلۈم: چاۋگېدىكى بوران - چاپقۇن» «پىدائىي قىسىم: قۇدرەتلىك قوشۇن ھۇجۇمغا ئۆتتى» قاتارلىق فىلىملەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 2023 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىنو ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 54 مىليارد 915 مىليون يۈەن بولۇپ، كىنو كۆرگۈچىلەر 1 مىليارد 299 مىليون ئادەم قېتىم بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى 46 مىليارد 5 مىليون يۈەن بولۇپ، %83.77نى ئىگىلىگەن.

«بىپايان زېمىنغا سوئال» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئىنقىلابىي شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنغان، «قارلىق تاغ، بىپايان زېمىن» «باۋشۈي» ناملىق رومانلاردا ۋەتىنىمىزنىڭ تاغلىق يېزىلىرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن، «مەيلې كەنتىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جۇڭگونىڭ چەت ئەلگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى نامايان قىلىنغان...

بىر يىلدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، يېڭى ھېكايە، يېڭى ئوبراز، يېڭى مېلودىيە، يېڭى ئۇسلۇب ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش جۇشقۇن ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، مىللەت روھى نۇرىنى تارقىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇردى، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇردى.

مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش توردا ۋە تور سىرتىدىكى مەركەزداش چەمبەرنى مۇستەھكەملەشكە ئېھتىياجلىق.

2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىڭ يىللىق قەدىمىي بازاردا رەقەملىك يېڭى كەيپىيات يەنە كۆتۈرۈلدى.

ئوتتەك قىزىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار بار، سوغۇققانلىق بىلەن كەسىپ ئۈستىدە ئويلىنىشمۇ بار. ۋۇجېن بازىرىدىكى قەدىمىي، ئاددىي ھەم سىپايە كەيپىيات ئىچىدە، رەقەملىك كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى قىزغىن ئۇچىراشتى.

2023 - يىللىق جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى ئۆتكۈزۈش، «توردىكى جۇڭگو بايرىمى» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش... تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى دىققەتنى خىزمەت ئاساسىي بازىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ياخشى قوغدىدى.

مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز تاراتقۇلاردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەش، توردىكى ناچار كەيپىياتنىڭ تارقىلىشى، كېڭىيىشىنى كۈچلۈك توسۇش، قىسقا سىن ئۇچۇر مەزمۇنىنىڭ يۆنىلىشى ناچار بولۇش مەسىلىسىنى تۈزەش... تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى دىققەتنى ئاممىۋى پىكىر كۈرىشى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى تور ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

بىر يىلدىن بۇيان، تور بوشلۇقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تور ئېكولوگىيەسى سىجىل ياخشىلىنىپ، تور بىخەتەرلىكى توسۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

«بىر تال گۈل باھارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلالمايدۇ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغاندىلا دۇنيانى باھار تۈسىگە كىرگۈزەلەيدۇ».

2023 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا جوھاننىسبۇرگ. 2023 - يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا - سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نۇتقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋەزىيىتى يارىتىش − تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.

بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى دۆلەت يۈكسەكلىكى، يەرشارىۋى نەزەردە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە مەنىۋى كۈچنى تېخىمۇ روشەن نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ باشقا مەدەنىيلىكلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان جۇڭگو ئىدىيەسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

«مەدەنىيلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ ئۆتۈش».

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مۇھىم سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى؛

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق پائالىيەت پۇرسىتى ئارقىلىق، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقان يەرشارىۋى قاراش، تەرەققىيات قارىشى، ئېچىۋېتىش قارىشى، ھەمكارلىق قارىشى قاتارلىقلار كىشىلەر قەلبىگە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر سىڭدۈرۈلدى؛

3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرى تەشۋىق قىلىنىپ، تونۇشتۇرۇلۇپ، «يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى» سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىشتىكى جۇڭگو لايىھەسىگە ئايلاندى.

...

كۆپ خىل تىل - يېزىق، تۈرلۈك تاراتقۇ، ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسى دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىدىيە، پىكىر يولى ۋە ئۇسۇل، يول بىلەن تەمىنلىدى.

جۇڭگو لايىھەسى دۇنياغا يۈزلەندى، جۇڭگونىڭ جەلپكارلىقى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. شانلىق، رەڭدار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنيانى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2023 - يىلى 4 - ئاي، باھاردا رەڭگارەڭ گۈللەر بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، بەييۈن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان سۇڭيۈەن باغچىسى تاغقا يېقىن، سۇغا يانداش بولۇپ، مەنزىرىسى ئۆزگىچە ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننى لىڭنەن بېغىنى سەيلە قىلىپ، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ مەنزىرە تاماشا قىلغاچ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. مىڭ يىللىق گۇچىندا «ئېقىن سۇ» ناملىق مۇزىكا ئورۇنلاندى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى.

«بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىشنى جۇڭگونىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ»، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشتى، قەتئىي ھالدا «بىزنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار» دەپ ئېنىق بىلدۈردى.

«بۇ ئىككى كۈندە، بىزنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز دوستانە، چوڭقۇر بولۇپ، ماڭا جۇڭگونىڭ ئۇزاق، شانلىق تارىخىي مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇرۇپ، زامانىۋى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىگە بولغان چۈشەنچەمنى ئاشۇردى» دېدى ماكرون چوڭقۇر ھاياجان بىلەن.

ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان شەكىل ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

بىر يىلدىن بۇيان، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى مەملىكەت سىرتى مەدەنىيەت بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت شەكلى ۋە مەدەنىيەت ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«دۇنيا جۇڭگوشۇناسلىق يىغىنى . شاڭخەي مۇنبىرى»دە سۆزلەنگەن سۆزدىن بىز تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق؛

2023 - يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنى نەق مەيدانىغا كىرگەندە، چەت ئەللىك مېھمانلار سەمىمىيلىك بىلەن: جۇڭگونى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشتە ئىكەن، دېيىشتى؛

تۇنجى نۆۋەتلىك لەنخۇا مۇكاپاتى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئالتۇن مۈشۈكئېيىق مۇكاپاتىنى باھالاش ۋە مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىگە كەلگەن باھالىغۇچىلار جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى؛

75 - نۆۋەتلىك فىرانكفورت كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئوقۇرمەنلەر: كىتاب ۋاسىتە ۋە كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىگە يەنىمۇ ياردەم بېرىدۇ، دېدى.

جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا جۇڭگونى چۈشىنىشى، جۇڭگو خەلقىنى چۈشىنىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بىر كۆزنەك ئاچتى:

چېڭدۇدا دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى لاۋۇلداپ كۆيدى، ياشلىق باھار ۋە ئارزۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇرغۇدى؛

خاڭجوۋدا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نۇرى شىخۇ كۆلى بويىنى يورۇتتى، شەرقتىكى قەدىمىي دۆلەت ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارغا كەڭ، دوستانە قۇچاق ئاچتى؛

شاڭخەيدە، تۈمەنلىگەن سودىگەر خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جەم بولدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېيىن، ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تور سىرتىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛

گۇاڭجوۋدا، يەرشارىۋى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىدا جەم بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى، تاراتقۇلار كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

يېقىندىكىلەرنى خۇشال قىلىش، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىش. بۈگۈنكى كۈندە، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان جۇڭگو ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن دۇنيا ئالدىدا نامايان بولماقتا.

يەنە ئېگىز چوققىغا چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلاپ، يەلكەننى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش.

2024 - يىلىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. كەلگەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمىز؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپى پۇختا قەدەم بىلەن ئەمەلىي ئىشلەپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.