تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېگىزدە تۇرۇپ جاھاندىكى ئىشلارغا نەزەر سېلىش

​− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكچىلىك قىلدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

تارىخ ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقتى، يېڭى مۇساپە يېڭى زېمىن ئاچتى −

«ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى − پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت».

ئېگىزدە تۇرۇپ جاھاندىكى ئىشلارغا نەزەر سالساق، تاغ - دەريالار بەئەينى سۈرەتتەك گۈزەل.

2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا قاراپ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش −

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى»

يىل ئاخىرىدا، ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، كارخانىلارغا بېرىپ، مەھەللىلەرگە كىرىپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، زاۋۇتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، گۇاڭشى ئوغۇل - قىزلىرىنى «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش»قا رىغبەتلەندۈردى.

كىشىلەرنىڭ ئېنىق ئېسىدە، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ ئۈستىدە توختالغاندا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، ھەم ئەڭ ئۇلۇغ ئىش» «ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىش».

دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك.

2023 - يىلى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغان جۇڭگو يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا توغرا كەلدى.

پۈتۈن يەرشارىغا نەزەر سالساق، بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيادا چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، خەلقئارا سىياسىي تالاش - تارتىش ۋە ھەربىي توقۇنۇش كۆپ نۇقتىدا پارتلىدى، يەرشارىۋى تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى چىگىش، مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ، ئىنسانلار مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى.

دۆلەت ئىچىگە نەزەر سالساق، ئۈچ يىل داۋاملاشقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتتى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، دۆلەت ئىچىدە دەۋرىيلىك ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەت گىرەلىشىپ كەتتى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا يەنىلا نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر بار، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىشلار قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى نامايان قىلدى.

2023 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسىلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى، 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئالقىش سادالىرى خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ تاللىشى.

خەلق سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەسكىن ۋە جاراڭلىق ھالدا مۇنداق جاكارلىدى:

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى تارىخىي يوسۇندا بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، <بەشنى بىر گەۋدە قىلىش> ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، <تۆت ئومۇميۈزلۈك> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك!»

ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىشلار ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

باش باھار ئەمدىلا ئۆتۈپ، بېيجىڭنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىدىكى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى.

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئاخىرقى ھېسابتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك» «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا، توغرىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئۈنۈم ۋە ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ ۋە تەرتىپ، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك».

دىققەتنى قانداق قىلىپ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى توغرا چۈشىنىش ۋە زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا «ئاچقۇچلۇق دەرس» ئۆتتى.

4 - ئايدىكى لىڭنەندە ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولغان گۇاڭدۇڭغا كەلدى.

تۆت كۈن ۋاقىتتا، گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىدىكى كەڭ تۇپراقنى غەربتىن شەرققە قاراپ كېسىپ ئۆتۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، گۇاڭدۇڭغا «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىش»تىن ئىبارەت يېڭى مۇھىم بۇرچنى يۈكلىدى.

2023 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 16 قېتىم دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، سەپىرى زىچ بولۇپ، ئىزى 15 ئۆلكىگە تارالدى.

نەنخەي دېڭىز ساھىلىدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ شىمالىي قۇتۇپىغىچە، غەربىي قىسىم چېگرا رايوندىن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەم بىلىش نەزەرىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مېتودولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى.

تەكشۈرۈشتە بولۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئىنچىكە سوراپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشتىن، مۇھىم يىغىنلاردا چوڭقۇر بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشكىچە، يەنە تاشقى ئىشلار سورۇنلىرىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر ئارقىلىق، نېمىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ جاۋاب بەردى.

يېڭى ئەمەلىيەت داۋامىدا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئەمەلىيەت يولى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدە سىجىل يېڭى مەنزىل ئېچىلدى.

ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش ئىتتىپاقلىشىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ.

«ھەر قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقارغاندا، بىز پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە چاقىرىق قىلدۇق. بۇ، پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى».

2023 - يىلى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بىر مەيدان «يېڭى ئۆگىنىش مۇسابىقىسى» − شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى «پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش» دەپ قاراپ، ئۆزى پىلانلىدى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۆزى تۈرتكە بولدى.

4 - ئايدا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش»نى تەكىتلىدى، 5 - ئايدا شەنشىدە «ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش»نى يېشىپ چۈشەندۈردى، 6 - ئايدا ئىچكى موڭغۇلدا «ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش»نى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، 7 - ئايدا جياڭسۇدا «ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە چاقىرىق قىلدى. ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارغا ئارقا - ئارقىدىن جانلىق پارتىيە دەرسى ئۆتتى.

چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك ھەر ۋاقىت ساقلاندى، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە سىجىل كۈچ چىقىرىلدى... يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات» بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئاچقۇچلۇق مۇساپىنى باشلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

«قۇرۇق گەپ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولۇشى كېرەك.»

ھەر قېتىملىق ئاساسىي قاتلامدا جانلىق ھەم چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن، تۈرلۈك داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغىچە، «ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش» «بوشاشماي كۈرەش قىلىش»تىن ئىبارەت خىزمەت ئۇسۇلىنى قايتا - قايتا تاپىلاشتىن، تۆت «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت خىزمەت تەلىپىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلىشى بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ سىجىل بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش داۋامىدا قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشتەك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلدى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتى ئېچىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى... ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگودا يېڭى ئۈمىد كۆتۈرۈلمەكتە، يېڭى كەيپىيات نامايان بولماقتا.

باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەش −

«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك»

پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ زېمىندا، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسى بولغان بۇ شەھەردە ھەر كۈنى يېڭى تارىخ پۈتۈلمەكتە.

2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى قوزغىتىش رايونىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا كېلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى، مۇنارسىمان كىرانلار ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

باش شۇجى نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇشچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان تارىخىي پۇرسەت، سىلەر مۇھىم تارىخىي ۋەزىپىنى زىممەڭلەرگە ئالدىڭلار، تىرىشىڭلار!»

بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس تارىخىي ۋەزىپىسى بولىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتى.

2023 - يىلى 12 - ئايدا، باشلىنىش يىلىدىكى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەمىز يېڭى دەۋردە ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى «بەش جەزمەن»گە يىغىنچاقلىدى:

«جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىش» «جەزمەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىشكە ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش» «جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» «جەزمەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇش» «جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي دەپ بىلىش».

جۇڭگو ئىقتىسادى بىر غايەت زور پاراخوت، كۆلىمى قانچە چوڭ بولغانسېرى، دولقۇن قانچە چوڭ بولغانسېرى، رول تۇتۇپ يول باشلاش شۇنچە مۇھىم.

تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچ مەھكەم تۇتۇلۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇندى −

«يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» − 2023 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يادروسى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ئارقىلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش».

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكى يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولىدىغان ئىچكى خاس مەزمۇن تىپىدىكى ئېشىشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغان قىلدى.

بۇ بىر يىلدا، تەجرىبىخانا، تەتقىقات ئاكادېمىيەسى، ئىلىم - پەن شەھەرچىسىدىن تارتىپ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، كەسىپلەر باغچىسى، سانائەت باغچە رايونىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا دىققىتىنى باشتىن - ئاخىر پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ جانلانغان جايلارغا بىر - بىرلەپ چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى قانداق قىلىپ چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاچقۇچلۇق ھالقىلار تۇتۇلۇپ، كىرىزىس پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلدى. بۇ بىر يىلدا، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات»نىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق پەن - تېخنىكا يېڭى مۇسابىقە يولىدا دۇنيادىكى بىرىنچى پەلەمپەيسىمان ئەترەت قاتارىدا تۇردى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىردى... يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى تېز سۈرئەتتە يۇغۇرۇلۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئېچىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭ ئايلىنىشى راۋانلاشتۇرۇلدى −

«باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» «باش شۇجىنىڭ يىۋۇغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز!» 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يىۋۇ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدە، چاۋاك سادالىرى، ئەھۋال سوراش سادالىرى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سودىگەرلەر، كىچىك كارخانا ئىگىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

«سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟»

«شاۋشىڭدىن» «ئىچكى موڭغۇلدىن» «ئىيوردانىيەدىن»...

«مەن نېپالدىن كەلدىم» دېدى بىر سودىگەر يېقىنراق كېلىپ، جۇڭگو تىلىدا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ.

«سىزنى قارشى ئالىمىز، قانداق تاۋار سېتىۋالغىلى كەلدىڭىز؟» دەپ سورىدى باش شۇجى.

«ئويلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالالايدىكەنمەن، ئويلىمىغانلىرىمنىمۇ سېتىۋالالايدىكەنمەن!» ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك كۈلۈشۈپ كەتتى.

ئۇششاق تاۋارلار چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. باش شۇجى سودا شەھەرچىسىنىڭ يەنە شانلىق نەتىجە يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

يېڭى بوشلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار بىلەن كۈچلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكى بىرلىشىپ قويۇپ بەرگەن غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىداردىن كەلگەن.

ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش... باش شۇجى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاساسىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رېتسېپ يېزىپ بەردى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

يېڭى بوشلۇق شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى قويۇپ بەرگەن كەڭ چوڭقۇرلۇقتىن كەلگەن.

«چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، ئالدىن يول ئىزدەش، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» باش قىش پەسلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلۈپ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى پەيتىدە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش... بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ رايونلار تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدىكى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، بۇنىڭدا ھەم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بار، يەنە يېڭى تەرەققىياتنى كۆزلەپ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئۇزاق مەزگىللىك ئويلىنىشمۇ بار.

تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جانلاندۇرۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق تەدبىر ياخشى قوللىنىلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئالغا سىلجىتىلدى −

2023 - يىلى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ۋە پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبتا گۇاڭدۇڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئىزچىل داۋاملىشىدۇ».

بېيجىڭغا قايتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۇقتىلىق مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.»

ئىسلاھات يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ئېچىۋېتىش ئىشىكى كېڭەيتىلدى.

بۇ بىر يىلدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار كۈچلۈك بەرپا قىلىندى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر ئېلان قىلىندى، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى...

بۇ بىر يىلدا، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر 24 ماددىلىق سىياسەت - تەدبىر ئېلان قىلىندى، بەش ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى سىناق نۇقتىسى ئالاقىدار خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، سىغىمى كېڭەيتىلىپ 22گە يەتتى، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىدىكى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېلان قىلىندى...

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

2023 - يىلى، ئۈچ يىللىق يۇقۇمدىكىدىن ئاز بولمىغان بېسىم، خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا، قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادنىڭ %5.2 ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلىنىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. جۇڭگو يەنىلا پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ موتور بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم بولدى.

يېڭى بۇرچنى زىممىگە ئېلىش −

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى»

بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى، «مەدەنىيەت ئومۇرتقىسى» ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. شىمالغا ئۇزارتىلغان لىنىيەدە، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ بىناسى ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، جۇەنشۇ خەت شەكلىدە ئالاھىدە چوڭ يېزىلغان «史» (تارىخ) دېگەن خەت ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغانىدى.

2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بۇ يەردە ئېچىلغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قەدىمكى بىلەن بۈگۈننى تۇتاشتۇردى، كەلگۈسىگە يېتەكلىدى −

«يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز. مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.»

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىققان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا «يېڭى مەدەنىيەت بۇرچى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت كوئوردىناتىنى بېكىتىپ بەردى، مەنىۋى بايراقنى ئېگىز كۆتۈردى.

ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سالساق، بىر مەدەنىيلىكنىڭ تۈپتىن تىپ ئۆزگەرتىشى مەدەنىيەتنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى ھېسابلىنىدۇ؛ بىر مەدەنىيلىكنىڭ ھەقىقىي يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشى مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنى چىقىش قىلىپ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇشنى چىقىش قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۆزىتىپ: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىش ياساش ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قايتا جۇلالىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ چوڭقۇر يەكۈن چىقاردى.

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىزلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالدى: سەنشى يۈنچېڭ مۇزېيى، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى مەركىزىي باش سارىيى، جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيى، سەنشىڭدۈي مۇزېيى، شەنشى خەنجۇڭ شەھەرلىك مۇزېي، شەرقىي جېجياڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسى، چاڭجياڭ دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھەر رايونى بۆلىكى، جياڭشى جىڭدېجېن تاۋياڭلى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى...

چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشىغا قارىتا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەكتە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزمەكتە.

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئاي، پايتەخت بېيجىڭ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى جىڭشى مېھمانخانىسىدا ئېچىلدى.

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نامىغا تۇنجى قېتىم «مەدەنىيەت» دېگەن سۆز قوشۇلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

ھەم مەدەنىيەت نەزەرىيە قارىشى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش بار، ھەم مەدەنىيەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپ بار، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ئىجادىي نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قەيسەر جاسارىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنىڭ جەسۇر، جۇشقۇنلۇقى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، بىپايان جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا.

مەدەنىيەت ئارقىلىق روھ تاۋلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ چىڭىتىلدى −

بېيجىڭدىكى يەنشەن تېغى ئېتىكىدە، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيى ياپيېشىل تاغ، قويۇق ئورمانلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ قالدۇرغان قەدىمىي كىتابلار دەل بۇ «مەشھۇر تاغ ئېتىكىدە ساقلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سۆزلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرىدۇ: «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بۇ جايدا! ئىنتايىن مەدەنىي، ئالغا باسقان، ئىلغار. كەلگۈسىدە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، يەنە 5000 يىل داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا 5000 يىل بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ».

جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بەش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى «دەل جايىدا سۈرەتلەش» ئاساسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ «ئىچكى گېنى»نى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرسىمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، كەينى - كەينىدىن ئازاب - ئوقۇبەتكە ئۇچرىسىمۇ باش ئەگمەي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدىكى مۆجىزە، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى»دەپ كۆرسەتتى.

ئەگەر جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بولمىسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىمىز بولسۇن؟ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتقانلىق ئۆز يولىمىزدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىق.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەۋقەنى جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەدەنىيلىك تارىخىغا قويۇپ، «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېخىمۇ بىپايان، چوڭقۇر، ئۇزاق بولغان تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچتى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇلۇپ، تەرەققىيات يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى −

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىغا كەلدى.

كۆرگەزمە تاختىسىدا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى يىللىرىدا ئويۇلغان بىر پارچە «پىڭجياڭ خەرىتىسى» بار بولۇپ، ئۇنىڭدا قەدىمكى سۇجوۋنىڭ تەكشىلىكتىكى كۆرۈنۈشى ۋە كوچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېنىق كۆرسىتىلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى گۇسۇ قەدىمىي شەھىرى ھېلىھەم «پىڭجياڭ خەرىتىسى»دىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇپ، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ، جياڭنەندىكى ئۆزگىچە سۇ ماكانىنىڭ يۆگىمە رەسىمىنى پۈتكەنىدى.

«سۇجوۋدا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ يەردە تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنىپلا قالماي، يەنە يۇقىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتمۇ بار ئىكەن، بۇلار كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ»دەپ كۆرسەتتى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

ئادىمىيەت جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق جاھاندىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. 2023 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مەخسۇس مۇنداق بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «مەدەنىيەت ناھايىتى تەرەققىي تاپقان جايلاردا ئىقتىساد ئوخشاشلا ئالدىدا ماڭىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ».

مەدەنىيەت ئىقتىسادنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە قىلدى، ئىقتىساد مەدەنىيەتنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك قىممەت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەرقايسى جايلار جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ئادىمىيەت ئاساسىي رېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئاتلاندى.

مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىنىپ، مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچ تېخىمۇ كۈچەيتىلدى −

قىش كۈنلىرى، قۇياش نۇرى جياڭسۇ يەنچېڭ شەھىرىنىڭ جيەنجۈن شەرقىي يولىدىكى يېڭى 4 - ئارمىيە خاتىرە سارىيىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئاساسىي كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئالدى ئىشىكىنىڭ ئۈستىدىكى «N 4 A» يەڭ بەلگىسى نۇسخىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

ئوق تېگىپ ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتكەن بايراق، پارقىراپ تۇرغان ھەربىي كاناي، ھەممە يېرىگە ياماق سېلىنغان ھەربىي فورما... يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇ ئۇنىۋېرسال خاتىرە سارىيىدا، رەتلىك تىزىلىپ تىنچ تۇرغان ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى شانلىق تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى.

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدىكى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە، ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى.

«يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، خەلق رايىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىق تارىخنىڭ تاللىشىنى بەلگىلەيدۇ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك، بۇ دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلققە زىچ تايىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ پائال يېتەكلىشى بولمىسا، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتىلىشى بولمىسا، مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى بولمىسە، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇل چىڭىتىلىپ روھ تاۋلىنىپ، ئەقىل - پاراسەت ئۇرغۇتۇلۇپ، قەلبلەر ئوزۇقلاندۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش −

«زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك»

شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىكى كۈمۈش لىباس كەيگەنىدى.

خېيلۇڭجياڭ شاڭجى شەھىرىنىڭ لاۋجيېجى يېزىسى لۇڭۋاڭمياۋ كەنتىدە، يىغىلىپ قالغان قېلىن قارلار ئارىسىدىن ئىس كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىسى ياڭ چۈنگۈينىڭ كېسەك ئۆيى رېمونت قىلىنىپ يېڭى تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ئوچاقتا ئوتۇن چاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى، ئۆي ئىچى تولىمۇ ئىللىق ئىدى.

2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشىدا، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، خۇاڭخې دەرياسى، خۇەيخې دەرياسى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن - ھۆلچىلىك ۋە گېئوئاپەت يۈز بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپەت ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە سىجىل يېتەكچىلىك قىلدى.

9 - ئاينىڭ بېشىدا، باش شۇجى ئالايىتەن لۇڭۋاڭمياۋ كەنتىگە كېلىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. دالان ئۆيدىن ئىچكىرىكى ئۆيدىكى كاڭنىڭ قىرىغىچە، باش شۇجى ياڭ چۈنگۈينىڭ زىيانغا ئۇچرىغان ئۆيىنىڭ ئىچى - تېشىنى بىر قۇر تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ھال - ئەھۋالىنى سورىدى.

ئۆيلەر ئىسسىدى، قەلبلەر ئىللىدى.

بۇ يىل قىشتا، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش ئاپىتىدىن، گەنسۇ جىشىشەندىكى 6.2 بال يەر تەۋرەشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھال - ئەھۋالى، تىنچ - ئامانلىقىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى.

«زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قەغەز يۈزىدىكى كۆرسەتكۈچ، سانلىق مەلۇماتلارغا قاراش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىغا قاراش كېرەك» −

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شاڭخەي شەھىرى مىنخاڭ رايونى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسى. يېڭى شاڭخەيلىك جېڭ لەنيۈ ئاپىسى بىلەن ئىجارىگە ئالغان ئىككى ياتاق، بىر مېھمانخانىسى بار ئۆيدە باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.

«ئىجارە ھەققى قىممەتمۇ؟» «قىممەت ئەمەس، ناھايىتى ئازادە تۇرۇۋاتىمىز» باش شۇجىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جېڭ لەنيۈنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، مېنىڭ شاڭخەيدە ئۆيۈم بار بولدى».

باش شۇجى ياتاق تىپىدىكى ئىككى ئىجارە ئۆيگە كىرىپ، پەرۋىش خادىمى، ئامانلىق ساقلىغۇچى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

«شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كېلەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش خەلقنى مەركەز قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش.

مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىدا نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولۇش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە دىققەت مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىش تەكىتلەندى...

بىر يىلدىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشلار، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئىشلار، كونكرېت ئىشلار پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىگە ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈلۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خەلق ئاممىسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىلتىماس - تەلىپى ۋە كۆپ قاتلاملىق ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇردى.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك» −

گۇاڭشى لەيبىن شەھىرى دۆلەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپلەر باغچىسىدا، 10 مىڭ مولۇق شېكەر قومۇشى بازىسى كۆز يەتكۈسىز ئىدى.

يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، دەل شېكەر قومۇشى سىقىش مەزگىلى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە شېكەر قومۇشلۇقىغا كىردى. شېكەر قومۇشى ئۆستۈرىدىغان دېھقان خو جيالى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا، 2023 - يىلى ئون مو يەردە شېكەر قومۇشى ئۆستۈرگەن بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلىنىڭ يەتتە توننىدىن ئاشقانلىقىنى، 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.

«شېكەر قومۇشى ئۆستۈرگەندىن باشقا، ئادەتتە يەنە باشقا كىرىمىڭىز بارمۇ؟»

«خوتۇنۇم ئىككىمىز دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا يېقىن ئەتراپتىكى ياغاچ تاختا زاۋۇتىدا ئىشلەيمىز، بىر يىلدا ئون ئاي ئىشلىيەلەيمىز، ھەر ئايدا 7000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمىز».

«مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن بولىدىكەن.» باش شۇجى مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شېكەر قومۇشىدەك شېرىن بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

بىر تال شېكەر قومۇشىنىڭ ئىككىلا بېشى تاتلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە شېكەر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا كېلىپ، شېكەر قومۇشىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك. تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سورتنى ياخشىلاپ، تېخنىكىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ خاس، ئەۋزەل كەسىپنى كۈچەيتىش، زورايتىش كېرەك».

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن نۇقتىلىق ساھە.

يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى چىڭ ساقلاپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك...

يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ بىرتۇتاش پىلانلىدى، ئىلمىي ئالغا سىلجىتتى.

2023 - يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىدا يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئۇدا توققۇز يىل 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى سەۋىيە مۇقىم ساقلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، يېزا جەمئىيىتى ئىناق، مۇقىم بولۇپ، كەڭ يېزا - كەنتلەردە يېڭى مەنزىرىلەر نامايان بولدى.

«ھەر مىللەت خەلققە ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» −

جېجياڭ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئورتاق بېيىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى. 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى تۇنجى بېكەت − يىۋۇ شەھىرىنىڭ خوۋجەي كوچا باشقارمىسى لىزۇ كەنتى ئورتاق بېيىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى.

كەنت مەيدانىدىكى «ئورتاق بېيىش بازىرى»دا، «90 يىللاردا تۇغۇلغان» يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى فاڭ تيەننىڭ باش شۇجىغا: ئۆزىنىڭ 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى بامبۇك سېۋەت توقۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يۇرتداشلار تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق بېيىيدىغان گۈزەل ئەتىگە بىرلىكتە ئاتلىنىڭلار.

ئورتاق بېيىشقا ئاتلىنىشتا، ماس تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشقىچە، باش شۇجى يۆنىلىش ۋە يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش.

«پۈتۈن مەملىكەتتىن قارىغاندا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە بىرقىسىم چېگرادىكى مىللەتلەر رايونلىرىدا. چېگرادىكى بۇ مىللەتلەر رايونلىرىنى ئورتاق بېيىش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ».

«كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپە».

تەنتەنىلىك ۋەدە، ئىرادىدىن قايتماسلىق.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى يوق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان، خەلق ئاممىسىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ چىن مەنىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىنى يارىتىش −

«تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيا تەرەققىياتىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش»

يەرشارىغا نەزەر سالساق، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى.

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۆت قېتىم زىيارەتكە چىقتى، دۆلەت ئىچىدە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن زىيارەتكە كەلگەن، ھەر ساھە زاتلار بىلەن نەچچە ئون قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى ياكى قاتناشتى، ھەم يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىگىلىنىپ، يېپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى −

«سىزنىڭ زىيارىتىڭىز جۇڭگو - ھوندۇراس مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى.» 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ھوندۇراس زۇڭتۇڭى كاستىرونى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشىدە، جۇڭگو ھوندۇراس بىلەن جۇڭگو - ھوندۇراس دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئاخباراتىنى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو 182 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، دوستلار چەمبىرىكى يەنە بىر قېتىم كېڭەيدى.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان «بېرىش - كېلىش قىلىش» بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلدى:

3 - ئايدا، يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى زىيارىتىدە رۇسىيەگە كېلىپ، 2023 - يىلىدىكى دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 10 - ئايدا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگوغا كېلىپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «2013 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 10 يىلدا، بىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 42 قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق».

«ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.» ئىنتايىن تېز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولۇش ئارزۇسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى.

دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى «ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت قانداق قىلغاندا توغرا چىقىشىپ ئۆتەلەيدۇ» دېگەن جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئالنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى:

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بالى ئارىلى ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدە ئېغىر «ھەرىكەت قىزىل رەقىمى» كۆرۈلۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە يېڭى قىيىنچىلىقنىڭ كۆرۈلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭىدۇ؟

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سان فىرانسىسكودىكى فىلولى قورۇقىدا، جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچراشتى. سۆھبەتلىشىش، چۈشلۈك زىياپەت، سەيلە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا تەڭ قەدەملىك ئېغىزچە تەرجىمە شەكلى قوللىنىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تۆت سائەت ئەستايىدىل پاراڭلاشتى. چۈشلۈك زىياپەتتىن بۇرۇن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن باش شۇجى شى جىنپىڭغا يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئالاھىدە كۆرسەتتى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ 1985 - يىلى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، سان فىرانسىسكوغا زىيارەتكە بېرىپ گولدىنگاد چوڭ كۆۋرۈكى ئالدىدا چۈشكەن خاتىرە سۈرەت ئىدى. «سىز ئازراقمۇ ئۆزگەرمەپسىز!» دېدى زۇڭتۇڭ بايدېن. نەق مەيداندا بىر پەس ئازادە ھەم خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.

«مەن ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ رول باشقۇرغۇچىسى، خەلققە، دۇنياغا، تارىخقا نىسبەتەن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئۇرۇشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق دېگەن تارىخىي ۋە رېئال لوگىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«توغرا تونۇشنى ئورتاق تۇرغۇزۇش» «ئىختىلاپلارنى ئورتاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش» «ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش»... تارىخىي ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىشىشى، ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

چوڭقۇر مەنىلىك ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلدى:

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن گۇاڭجوۋدا بىرەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. گۇچىندا ئورۇنلانغان «ئېقىن سۇ» ناملىق مۇڭلۇق، نەپىس مۇزىكا ماكروننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ماكرون نەق مەيداندا مۇزىكىنىڭ ئىسمىنى سورىدى ھەم خىزمەتچى خادىملارغا خاتىرىلىۋېلىشنى تاپىلىدى.

ئۆزئارا چۈشىنىش يىراق - يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ رىشتە ئۈزۈلمەيدۇ.

بۇ بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: داۋالغۇش كەسكىنلىشىۋاتقان ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي پارتىيە داھىيلىرى بىلەن «بۇلۇت»تا بىر يەرگە جەم بولدى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بەرگەن «جەنۇبىي ئافرىقا ئوردېنى»نى قوبۇل قىلدى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى... 2023 - يىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كەڭ ۋە چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتتى.

دۇنيانى قەلبكە پۈكۈپ، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلەندى −

«بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت».

10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

«مەن جەزمەن كېلىشىم كېرەك!» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئۇدا ئۈچ قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلدى. 10 يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى.

جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە جاكارتا - ۋەنلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئورتاق قۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولغا ئىگە قىلدى؛ جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى لائوسنىڭ «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى؛ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە جەمئىي 16 مىڭ 145 قېتىم قاتنىدى... «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگودىن باشلانغان، نەتىجە ۋە پۇرسەت دۇنياغا مەنسۇپ»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى «دۇنيانىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى كۆزلەش»تەك چوڭ دۆلەتكە خاس كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلدى.

ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلىدى −

5 - ئاي، باش ياز، قەدىمىي پايتەخت شىئەن، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان مۇھىم ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىللە گۈزەل ئارزۇ - ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن ئالتە تۈپ ئانار دەرىخىنى تىكىپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە نەزەر سالدى؛

7 - ئاي، تومۇز، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. ياشلىق كاتتا مەرىكىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىتتىپاقلىشىش قىياپىتىمىز ئارقىلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرايلى»؛

9 - ئاي، كۈز ئوتتۇرىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: «تەنتەربىيە ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى» «تەنتەربىيە ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرەيلى» «تەنتەربىيە ئارقىلىق سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرەيلى»...

خەلقئارا تاراتقۇلار 2023 - يىلى جۇڭگوغا مەنسۇپ بولغان «كاتتا مەرىكە يىلى» دەپ باھا بەردى. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، تەڭ نەپ ئالىدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە «ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نىڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىدى؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدىن كېيىن، ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە تور سىرتىدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ تۇنجى نۆۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مەسئۇلىيەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىندى...

دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو يەنىلا يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ئاساسىي موتور» بولدى.

ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى −

11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىر مەيدان «بۇلۇت يىغىلىشى» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇ چاغدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خەلق ئاممىسى ئۇرۇشنى توختىتىشقا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىققا ئىنتىزار بولدى.

«جۇڭگو تەرەپ تېزدىن تېخىمۇ نوپۇزلۇق خەلقئارا سۈلھى كېڭىشى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ... » باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇرۇش توختىتىش، توقۇنۇشنى تۈگىتىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەققانىيەت ساداسى، تىنچلىق ساداسى ئارقىلىق داۋالغۇۋاتقان دۇنياغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

بۇ بىر يىلدا، بارغانسېرى كۆپ جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو تۆھپىسى خەلقئارا سەھنىلەردە جۇلالاندى، جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراننىڭ بېيجىڭدا سۆھبەتلىشىپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولدى؛ جۇڭگو باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىغا ئەزا كۆپەيتىشنى پائال ئالغا سىلجىتتى؛ جۇڭگو 11 - ئايدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى...

«ئىدېئولوگىيە جەھەتتە تىركىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، جۇغراپىيەلىك سىياسىي كۈچ سىنىشىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق، شۇنداقلا گۇرۇھلار سىياسىي قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللانماسلىق»، «دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنى رەڭدارلىققا تولدۇرۇش، ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش»... جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنياغا داۋالغۇش ئەمەس، بەلكى تىنچلىق، تەھدىت ئەمەس، بەلكى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. مەيلى يېڭى دوست ياكى كونا دوست، يىراق تۇغقان ياكى يېقىن قوشنا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ياكى تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولسۇن، بۇ ھەممىگە ئايان.

«رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايمىز» «جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايمىز»... چەت ئەللىك سىياسىيونلار ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا بەس - بەستە قۇۋۋەتلەش ۋە قايىل بولۇش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيا تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يېتەكلەش كۈچىنى بارغانسېرى نامايان قىلدى.

داغدام يول خۇددى بىلەي تاشتەك تەكشى، ئۇلۇغۋار ھەم چەكسىز.

2024 - يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش ئاچقۇچلۇق بىر يىلغا قەدەم قويدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئىستىقبالى پارلاق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، داۋانلاردىن ئېشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

(مۇخبىرلار جاڭ شۈدۇڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، جاۋ چاۋ، لىن خۇي، جۇ جىچەي، ئەن بېي، سۈن يى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.