تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

«كەيپىيات ئەخلىتى»نى تازىلاپ، كەيپىياتقا دەم ئېلىش بېرەيلى

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، 

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېشىپ كەتتى،

شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاسانلا بەزى ناچار كەيپىياتلار پەيدا بولدى،

كەيپىيات ئەخلىتى پەيدا بولۇش قورقۇنچلۇق ئەمەس،

قورقۇنچلۇق بولغىنى ئۇزاق مۇددەت مۇۋاپىق تارقاقلاشتۇرالماسلىق،

كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەيپىيات ئەخلىتى كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

كەيپىيات ئەخلىتىنى ۋاقتىدا تازىلاشنى ئۆگىنىۋېلىپ، 

كەيپىياتقا دەم ئېلىش بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.

پايدىلىق قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش،

مەسىلەن: رەسىم سىزىش، ساز چېلىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىقلار.

بۇنداق بولغاندا بىر تۈرلۈك يېڭى ماھارەتنى ئىگىلەش بىلەن بىللە،

يەنە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خۇشال بولۇپ،

بېسىمنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

ھەر ھەپتىدە ئۈچ، تۆت قېتىم ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش، 

مەسىلەن: ئاستا يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىقلار. 

بۇنداق بولغاندا بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشتىن باشقا،

ناچار كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادىلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

قەرەللىك ئۆي تازىلىغاندا،

نەرسە- كېرەكلەرنى سەرەمجانلاشتۇرغاندا ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلىۋەتكەندە،

مۇھىت پاكىزە، تەرتىپلىك بولىدۇ،

بۇنداق مۇھىتتا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ، 

بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.

ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، ئۇلارغا كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئېيتىش،

ئاكتىپ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئوي- پىكرىنى ئىپادىلەش.

دەل ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم،

ئۇلار پايدىلىق تەكلىپ بىلەن بېرىپ،

سىزنىڭ ئىدىيە چەمبىرىكىدىن چىقىپ كېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىپ.

بېسىمىڭىز ۋە ناچار كەيپىياتىڭىزنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ.

بالدۇر ئۇخلاپ،  بالدۇر تۇرۇش.

ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۇش بىلەن خوشلىشىش،

خىزمەت، ئۆگىنىشتە ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش،

پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇششنى ياخشى قىلىش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىش.

كەينىگە سۆرەش كېسىلىنى رەت قىلىش، 

قەرەللىك خۇلاسىلەپ تۇرۇش.

كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ مىجەز- خۇلقىنى تەڭشەيدۇ،

ئىتتىك مىجەزنى بېسىۋېلىپ،

تەرتىپسىز كەيپىياتنى قايتىدىن جىمجىتلىققا قايتۇرۇپ،

كەيپىياتقا دەم ئېلىش بېرىپ، 

ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىش.

بۇ يەرگىچە كۆرۈپ،

سىز كەيپىيات ئەخلىتىنى قانداق تازىلاشنى ئۆگىنىپ بولدىڭىزمۇ؟

دەرھال كېلىپ سىناپ بېقىڭ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.