تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

(ئانار بۇلۇت) ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، بۇ ئوزۇقلۇق ماددا بىلىملىرىنى بىلىۋېلىڭ

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
    نۇرغۇن كىشى خۇشال كەيپىيات، يېتەرلىك ئۇيقۇ، مۇۋاپىق غىزالىنىش ۋە مۇۋاپىق چېنىقىشنىڭ ساغلاملىقتىكى «تۆت چوڭ ئەڭگۈشتەر» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەمما، ھازىرقى زامان كىشىلىرى باشقا ئۈچ تۈرگە قارىغاندا مۇۋاپىق غىزالىنىشنى ياخشى ئىگىلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. مۇخبىر خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى شۈ تيەنچېننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. ئۇ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن بىر قىسىم ئاساسىي ئوزۇقلۇق بىلىملىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

    1. ئاقسىل بارلىق ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسى، ئەگەر بەدەننى ئۆيگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا ئاقسىل ئاساسىي قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم بەدىنىدە چاچتىن تىرناققىچە، تېرىدىن ئىچكى ئەزالارغىچە ھەممىسىدە ئاقسىل بولىدۇ. ئەمما، بەدەندىكى ئاقسىل ئۈزلۈكسىز پارچىلىنىدۇ ۋە ئېقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۈزلۈكسىز تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى ساقلاشتا ئانتىتېلا كەم بولسا بولمايدۇ، ھالبۇكى، ئاقسىل ئانتىتېلا شەكىللەندۈرۈشتىكى زۆرۈر خام ئەشيا ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، كۆپچىلىك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئاقسىل ھەر خىل يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت، كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردا ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىپ پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ئاقسىللار ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل دەپ ئاتىلىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئاساسلىقى تۇخۇم، سۈت، بېلىق، گۆش، دادۇر قاتارلىق يېمەكلىكلەردە مەۋجۇت.

   2. ۋىتامىن ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددا. ۋىتامىن A سىرتتىن كەلگەن ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى «تەبىئىي توسۇق»، يېتەرلىك ۋىتامىن A ئىممۇنىتېت شارچە ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرە ۋە شىللىق پەردىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ، توسۇش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ۋىتامىن Aنى يېتەرلىك قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتا ھايۋانات جىگىرى، بېلىق جىگىرى مېيى، يەنە سەۋزە، كاۋا، خۇڭشۇ، شىلەنخۇا، پالەك قاتارلىقلارنى تەكشى قوبۇل قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ۋىتامىن C ئانتىتېلا شەكىللەندۈرىدىغان «كاتالىزاتور» بولۇپ، ئۇ سىرتقى دۇنيانىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچكى تەڭپۇڭلۇقىغا كاشىلا قىلىشىنى ئازايتىپ، ئانتىتېلانىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نورمال ئورگانىزم ئىممۇنىتېتىنى ساقلايدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەردىن شوخلا، مايمۇن شاپتۇلى، مۇگۇا، ساۋمېي قاتارلىق يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەر بار. ئۇزاق ۋاقىت قىزدۇغاندا ۋىتامىن C ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا كۆكتاتلارنى پىشۇرۇش ۋاقتىنى بەك ئۇزاق قىلىۋەتمەسلىك، مېۋىلەرنى سىقىپ شەربەت قىلىپ ئىچمەسلىك كېرەك. ۋىتامىن D ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ «زۆرۈر بۇيۇمى»، بېلىق جىگىرى مېيى، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقىدا ۋىتامىن D مول، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىشقا دىققەت قىلىش ئارقىلىقمۇ ۋىتامىن D تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

   3. مىنېرال ماددىلارمۇ  ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، ئىممۇنىتېت كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوزۇقلۇق ماددا. سىنك ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەڭشەيدىغان ياخشى ياردەمچى، ئادەم بەدىنىدىكى كۆپ خىل ئېنزىملارنىڭ تەركىبىي قىسمى. سىنك كەمچىل بولسا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر ۋە موگۇ تۈرىدىكىلەرنىڭ، مەسىلەن، خام مۇلى قۇلۇلىسى، قېرىنسىمان موگۇ قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنك ئېلېمېنتى مول. ئۇنىڭدىن باشقا، ھايۋانات جىگىرى، توخۇ گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكلەردىمۇ سىنك مىقدارى بىر قەدەر مول. بالىلار تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالغاندا، سىنك كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تۆمۈر ئانتىتېلا شەكىللىنىشنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى. بوۋاقلاردا تۆمۈر كەمچىل بولسا قان ئازلىق، تېرە تاتىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق مەزگىل تۆمۈر كەمچىل بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ؛ چوڭلاردا تۆمۈر كەمچىل بولسا ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ، ئانتىتېلانىڭ پەيدا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە ھايۋانات جىگىرى، ھايۋانات قېنى، كالا گۆشى، قوي گۆشى قاتارلىق ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تۆمۈر تولۇقلاشقا بولىدۇ، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر تولۇقلاش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.