تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

2024- يىلى 1-ئايدا كۆپ ساندىكى ساقلانما ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى ئازراق تۆۋەنلەيدۇ

     ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
   مۇخبىرنىڭ نۇرغۇن بانكىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كۆپ ساندىكى ساقلانما ئۆي قەرز ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن، تەڭشەش نىسبىتى ئون ئاساسىي نۇقتا بولىدىكەن. 

    بانكىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە بازاردىكى شەخسىي ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتى ئاساسەن قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتىگە ئاساسىي نۇقتىنى قوشۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئاساسىي نۇقتىنى تۆۋەنلىتىشتىن شەكىللىنىدىكەن، يەنى ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكى قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش- چۈشۈشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

   قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ، ئەمما ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنى ھەر يىلدا بىر قېتىم تەڭشەش پۇرسىتى بولىدۇ. قەرز ئالغۇچى ھەر يىلنىڭ 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى تەڭشەشنى تاللىسىمۇ، شۇنداقلا قەرز پۇل تارقىتىلغان كۈندىكى تەڭشەشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. 

   ھەر يىلى 1-ئايدا، بانكا ئالدىنقى يىلدىكى  قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈش- چۈشۈش نىسبىتىگە ئاساسەن، يېڭى بىر يىلدىكى شەخس ئۆي قەرزى ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشەيدۇ.

   قاتناش بانكىسى بېيجىڭ شەھەرلىك شۆبە بانكىسى ئىستېمال پۇل مۇئامىلىسى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى چېن جىڭ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى 6- ئايدا،  قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتى تەڭشەلدى، بەش يىللىقتىن يۇقىرى قەرزنىڭ قەرز پۇل بازىرىدىكى باھا مەلۇم قىلىنغان ئۆسۈم نىسبىتى %4.3تىن %4.2كە تۆۋەنلىتىلىپ، ئون ئاساسىي نۇقتا ئازايتىلدى، بۇنىڭ بىلەن خېرىدارلارنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىمۇ مۇناسىپ ئون ئاساسىي نۇقتا ئازايتىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خېرىدارنىڭ قايتا باھا بېكىتىش كۈنى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، شۇڭا مۇتلەق كۆپ ساندىكى خېرىدارنىڭمۇ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ، خېرىدارلار ھېچقانداق مەشغۇلات قىلمىسىمۇ بولىدۇ. 

   بانكىدىكىلەر مۇنداق مۆلچەرەن ھېسابلىدى: بېيجىڭ رايونىدىكى تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان، سوممىسى 1 مىليون يۈەن، مۇددىتى 20 يىل بولغان تەڭ سوممىلىق دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان شەخسىي ئۆي قەرزىنى مىسالغا ئالغاندا، كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى %4.3تىن %4.2كە تۆۋەنلىسە، ئايدا تۆلەيدىغان سوممىسى 6219 يۈەندىن 6166 يۈەنگە چۈشۈپ، 53 يۈەن ئازلايدۇ. ئەگەر قەرز مۇددىتى 20 يىل دەپ ھېسابلىغاندا، ئومۇمىي ئۆسۈم چىقىمى 12 مىڭ 801 يۈەن ئازلايدۇ.

   9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە، 22 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق ساقلانما ئۆي قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى 0.73 پىرسەنت پوئېنت بولۇپ، 150 مىليون كىشى نەپكە ئېرىشكەن، قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ئۆسۈم چىقىمى ھەر يىلى 160 مىليارد يۈەندىن 170 مىليارد يۈەنگىچە ئازايغان ئىدى.  

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.