تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 ـ يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن شىركەت قانۇنى، خەير ـ ساخاۋەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، دۇڭ جۈننى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا، لۇ جىيۈەننى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا، سۈن يېلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى

14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىنى 2024 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 ـ يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن شىركەت قانۇنى، خەير ـ ساخاۋەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى (12) ماقۇللاندى؛ دۇڭ جۈننى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش، تاڭ دېڭجيېنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، لۇ جىيۈەننى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش، خۇ خېپىڭنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، سۈن يېلىنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 15 ـ نومۇرلۇق، 16 ـ نومۇرلۇق، 17 ـ نومۇرلۇق، 18 ـ نومۇرلۇق، 19 ـ نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 169 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى ھەم مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى لى خۇڭجۇڭغا 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىدا چۈشەنچە بېرىش ھاۋالە قىلىندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىش ـ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرى گۇڭبېي پورتىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئالاقىدار قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەۋەسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قارارغا ئاساسەن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنى 2024 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بوتسۋانا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېنېگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە كومىتېتى، خۇاچياۋلار كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى ئايرىم ـ ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، جوۋ مىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ لى نىڭ، شۈ ئەنبياۋ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، سۈن جېنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ ليۇ شيۇۋېن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، خې چېڭجۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ گاۋ جىڭخۇڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، سوتچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 ـ قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ۋاڭ يەنجۇڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.