تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

​[14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى] 2 - نومۇرلۇق

سەنشى ئۆلكىلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىدا تاڭ دېڭجيې 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە تولۇقلاپ سايلاندى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دوكلاتقا ئاساسەن، تاڭ دېڭجيېنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى جاڭ جېنجۇڭنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قورال - ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى جاڭ يۈلىن، راۋ ۋېنمىننى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى جۈ شىنچۇننى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى دىڭ لەيخاڭنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. راكېتا ئارمىيەسى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى لۈ خۇڭ، لى يۈچاۋ، لى چۇەنگۇاڭ، جوۋ يانىڭنى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، جاڭ جېنجۇڭ، جاڭ يۈلىن، راۋ ۋېنمىن، جۈ شىنچۇن، دىڭ لەيخاڭ، لۈ خۇڭ، لى يۈچاۋ، لى چۇەنگۇاڭ، جوۋ يانىڭلارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ئاخىرلاشتى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، جاڭ يۈلىننىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېلىپ تاشلاندى؛ دىڭ لەيخاڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېلىپ تاشلاندى؛ جوۋ يانىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئېلىپ تاشلاندى.

ھازىرغىچە، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەمەلىي بار بولغان ۋەكىلى 2966 نەپەر.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2023 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.