تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

ئاچا-سىڭىللارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەش   لوپلۇق قىزچاقنىڭ تۇرمۇشى ھەسەلدەك شىرىن ئۆتمەكتە

    12-ئاينىڭ 17-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇيا يېزىسى قۇم ئازما كەنتىدىكى لوپ ناھىيەسى گۈلچى يېمەكلىك پىششىقلاش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىشىمىز بىلەن، پېچىنە-پىرەنىكلەرنىڭ خۇش ھىدى دىمىقىمىزغا ئۇرۇلدى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى 90-يىللاردا تۇغۇلغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى قىز پەزىلەت نەبى قۇرغان بولۇپ، ئۇ ئاچا-سىڭىللار بىلەن سېخ ئارىسىدا خۇرۇچلارنى تەڭشەش، خېمىر يۇغۇرۇش، پىشۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلارنىڭ پىشقان مەشغۇلاتى ئارقىلىق، تۈركۈم-تۈركۈم پىچىنە-پىرەنىكلەر پىشىپ چىقىپ، ھەرقايسى جايلارغا سېتىلاتتى.

پەزىلەت نەبى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە يۆبىڭ ياسىماقتا.

دىلشات ئەلى فوتوسى

    پەزىلەت نەبى لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى خېشيې كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئىزچىل ھالدا ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. «ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەندە، دادام دائىم چىرايلىق تورت سېتىۋېلىپ كېلەتتى، مەن ئۇ مەززىلىك تورتلارنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقاتتىم. كېيىن، كەسپىي مەكتەپتە كەسىپ تاللىغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەي غەربچە پىچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش كەسپىنى تاللىدىم» دېدى پەزىلەت نەبى.

پەزىلەت نەبى ئەمدىلا دۇخۇپكىدىن چىققان يۆبىڭلەرنى رەتلىمەكتە.

دىلشات ئەلى فوتوسى

    ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، پەزىلەت نەبى 2017-يىلى خوتەن شەھىرىدىكى بىر تورتخانىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇردى. ئۇ تەپەككۇر قىلىش، تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولغاچقا، پىشۇرغان تورتلىرىنىڭ شەكلى ھەرخىل بولۇپلا قالماي، يەنە يېيىشلىك ئىدى، شۇڭا ناھايىتى تېزلا قولىغا بەلگىلىك پۇل يىغىلدى. 2019-يىلى، ئۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا لوپ ناھىيەسى گۈلچى يېمەكلىك پىششىقلاش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. 
    پەزىلەت نەبى مۇنداق دېدى: ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمىگەچكە، بەك كۆپ قىيىنچىلىققا يولۇققانىدىم. ئەينى چاغدا مەن ۋاز كېچىشنى ئويلاپ باققان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى قىيىنچىلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، مېنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا باشلاپ بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشىمغا ياردەم بەردى. ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 18 ئاممىنى ئىشقا قوبۇل قىلدى، ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل پېچىنە-پىرەنىكلىرىمىز خوتەن شەھىرى ۋە لوپ ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىغا سېتىلىدۇ. 
    تۇنسا ئابلىز بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئائىلە ئايالى ئىدى، پەزىلەت نەبىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدە، ئۇ پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلىگىنىمگە بەش يىل بولدى، ئىلگىرى مەن ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم، پەزىلەت ئۇستامنىڭ يېتەكلىشىدە، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەندىم، مەن بۇ يەردە خىزمەت قىلالىغىنىمدىن ناھايىتى خۇشال. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».
   تىجارەت كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، پەزىلەت نەبى 2020-يىلى ئۆزىنىڭ ماركىسى «روزىلەم»نى ئىلتىماس قىلدى ھەم تاۋباۋ، پىڭدودو، شىيۈ خاۋدىفاڭ قاتارلىق سۇپىلاردا ئۆزىنىڭ دۇكىنىنى تەسىس قىلىپ، ئايلىق سېتىش سوممىسىنى 50 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.

پەزىلەت نەبى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا يۆبىڭ ساتماقتا.

دىلشات ئەلى فوتوسى

    پەزىلەت نەبى مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى ئىشلەپچىقىرىلغان تۈركۈم-تۈركۈم مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرقايسى جايلارغا سېتىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز قانائەتلىنىمەن. ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلىگەندىكى قىيىنچىلىق ۋە ئۇۋالچىلىقلارنى ئەسلىگەندە، قىلغانلىرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، مەن ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتىم. ئەڭ مۇھىمى، مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇقۇشۇمدىن قەتئىينەزەر، مەن باشتىن-ئاخىر ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىدا چىڭ تۇردۇم. بۇ جەرياندا مەن مەيلى نېمە ئىش قىلىشىمدىن قەتئىينەزەر، بوشاشماي يۈزلىنىش كېرەكلىكىنى، تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا، نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم».
    پەزىلەت نەبى ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ ياشنى قىيىنچىلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىش، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

 (لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى دىلشات ئەلى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.