تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ رەقەملەشكەن بوياش-رەتلەش كەسپى تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇھىتى بىلەن تونۇشتى. كەسپىي مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ يىل مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ، كۇچا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە رەقەملەشكەن بوياش-رەتكەش كەسپى تەجرىبىخانىسى قۇرۇپ، رەقەملەشكەن بوياش-رەتلەش تېخنىكىسى، خىمىيە سانائىتى ھۈنەر-سەنئىتى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ھازىر تەجرىبىخانا قۇرۇلۇپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىردى.
تۇرسۇن توختى فوتوسى