تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بىر ئەر ساختا ئېلېكترونلۇق پىراۋا ياساپ خىزمەتداشلىرىنى ئېلىپ 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

IMG_20231225_110311

12- ئاينىڭ 24- كۈنى، خەلق ساقچىسى دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەر ۋە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. ئىختىيارىي مۇخبىر دىڭ چىپەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دىڭ چىپەن) ساختا ئېلېكتىرونلۇق ھەيدەش كىنىشكىسىنى ياسىغاندىن كېيىن، ئا x كاماندىروپكىغا چىقىشنى باھانە قىلىپ، ئۈچ خىزمەتدىشىنى ئېلىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقتى. 12- ئاينىڭ 24- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى سەنساكۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى ساختا ھەيدەش كىنىشكىسى ياساش، پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەشكە چېتىشلىق ئا xنى قانۇن بويىچە قولغا چۈشۈردى.

 شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى يول يۈزىدە ۋاقىتلىق تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر كىچىك تىپتىكى پىكاپنىڭ ئاستا كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنە كەينىگە بۇرۇلۇشقا تەمشىلىۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى. خەلق ساقچىسى ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختىتىشقا ئىشارەت قىلىپ، شوپۇر ئا xتىن پىراۋىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.

 «پىراۋامنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، پەقەت ئېلىكترونلۇق پىراۋام بار.»  ئا x يان تېلېفونىنى ئېچىپ، خەلق ساقچىسىغا بىر پارچە ئېلېكترونلۇق پىراۋىنىڭ كەسمە سۈرىتىنى كۆرسەتتى.

 «كەسمە سۈرەتنى نورمال ئەمەستەك ھېس قىلدىم.» تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خەلق ساقچىسى داۋۇتاجىم مەمەتئىمىن مۇنداق دېدى: ئا x كۆرسەتكەن كەسمە سۈرەت بىر قەدەر قوپال، خەت شەكلىمۇ چوڭ بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى ساختا.

 تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەلق ساقچىسى ئا xنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئالمىغانلىقىنى بايقىدى. 

 ئا x ئۆزىنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆيىنى يوقلىماقچى بولغانلىقىنى، لېكىن بىللە كاماندىروپكىغا چىققان ئۈچ خىزمەتدىشىنىڭ پىراۋىسى يوقلۇقىنى، كاماندىروپكىغا چىقىش پىلانىنىڭ يوققا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، توردىن بىر پارچە پىراۋىنىڭ سۈرىتىنى چۈشۈرگەنلىكىنى، كېيىن تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق سۈرەتتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىپ، ئېلېكتىرونلۇق پىراۋا ياسىۋالغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەندە، ئا x ئاپتوموبىل ھەيدەپ 400 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەن ئىدى. 

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، خەلق ساقچىسى ئا xكە 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇش ھەم 20 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.