تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

دىققەتنى بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

دىققەتنى بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاش، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، بىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى چۆرىدەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ يەنىلا كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغانلىقىنى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يەنىلا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، مەسىلە ۋە خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ئىگە نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللاندۇرۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تارقىلىشى كەڭ، يېتەكچىلىكى كۈچلۈك ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يۆنىلىشى روشەن، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، دەل جايىدا تارقىتىلىدىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى مول رايوندىن مەدەنىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك رايونغا قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىجابىي تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئۇچۇرلىشىش شارائىتىدىكى ئاممىۋى پىكىر تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇش جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇشنى تۈپ ئاساس قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپىنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى يول قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەرنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات ۋە ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېما تەسىس قىلىشنى كۈچەيتىپ، سۆز سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە قاراتمىلىق ھالدا رەددىيە بېرىپ، «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش»نىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك. زامانىۋى ئىدىيەنى كەڭ تارقىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىممەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت تارماقلىرى قەتئىي تۈردە پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى باشتىن ـ ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار زور تەشۋىقات خىزمىتى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشى، بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە، ئۇسۇل، ۋاسىتە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، خىزمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىي بازىسىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. زور تەشۋىقات خىزمىتى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تەشۋىقات تارمىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورگان يىغىن مەركىزى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.