تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

2023-يىلىغا قۇلاق سالايلى| ئاڭلاڭ، بەختنىڭ ساداسىنى

 12-ئاينىڭ شامىلى

يىللارنى بىر-بىرلەپ ئۇزىتىپ قويىدۇ

بۇ يىل

قەلبىڭىزدە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بەختلىك ئەسلىمىلەر قايسىلار؟

بۇ يىل

بىز گۈزەل مەنزىرىلەردىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمىدۇق

12-ئاينىڭ 22-كۈنى، ساياھەتچى فۇكاڭ شەھىرىدىكى تىيانشان بۇغدا كۆلى خەلقارا قار تېيىلىش مەيدانىدا پاسون چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ چېڭ فوتوسى

بۇ يىل

بىز بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز ساياھەتكە ئاتلاندۇق

7-ئاينىڭ 23-كۈنى، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئارتىسلار دالياڭشەندىن كەلگەن بالىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى

بۇ يىل

بىز قۇرامىغا يەتكەنلەر دۇنياسىغا تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچنى ئالدۇق

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىدا، ئوقۇغۇچىلار شۆيۈەن، فاكۇلتېت ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى كۈتۈۋالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۇەنزۇڭ فوتوسى

بۇ يىل

بىز ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا قوشۇلۇپ كەتتۇق

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەندا شەھىرى رېنمىن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ھويلىسىدىكى چىملىقتا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى لى پىڭ(سولدىن بىرىنچى) ۋە جاڭ يۈ مۇزىكا سىنىپىدىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە خور مەشىق قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې جيەنفېي فوتوسى

بۇ يىل

بىز ئىجتىھات بىلەن ئەمگەك قىلدۇق

12-ئاينىڭ 5-كۈنى، دېھقانلار لوديەن ناھىيەسى لۇڭپىڭ بازىرىدىكى چىچېڭ بازىسىدا چىچېڭ ئايرىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شى چۈەنخۇڭ فوتوسى)

بۇ يىل

مېھىر-مۇھەببەتىن قەلبىمىز ئىللىدى

1-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، شاڭخەي خۇڭچياۋدىن بوجوۋنىڭ جەنۇبىغا قاراپ ماڭغان G9480 قېتىملىق گاۋتيې پويىزدا، جۇڭگو تۆمۈر يول شاڭخەي ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خېفېي يولۇچى توشۇش ئۇچاستىكىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ خاۋ(كەينىدە) يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تىزىشىغا ياردەم بەرمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ دۇەن فوتوسى

بۇ يىل

بىز ئارزۇ چوققىسىدا پەخىرلەنگەن ھالدا تۇردۇق

10-ئاينىڭ 3-كۈنى، جۇڭگو ماھىرلىرىدىن چېن گۇەنفېڭ، شيې جېنيې، چېن جياپېڭ، يەن خەيبىن(ئوڭدىن سولغا) خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېنىك ئاتلېتىكا تۈرى بويىچە ئەرلەرنىڭ 4x100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولغانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ يەنخۇا فوتوسى

بۇ يىل

بىز ئاددىي ھەم ئاددىي بولمىغان كىچىك ئىشلارنى قىلدۇق

1-ئاينىڭ 18-كۈنى يېرىم كېچىدە، چۇڭچىڭ غەربىي ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال ئالدىدىكى مەيداندا، چۇڭچىڭ تۆمۈر يول گۇڭئەن باشقارمىسى پويىز ساقچى تارماق ئەترىتى «فاڭخۇا» ئاياللار پويىز ساقچى گۇرۇپپىسىدىكى لى شىڭ(سولدا) نۆۋەتچىلىكنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۆيىگە قايتماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ ۋېي فوتوسى

ھەر بىر يىلدا شۇ يىلغا خاس تەم بار

ھەر بىر يىلدا شۇ يىلغا خاس بەخت بار

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، «شەھەر ئاھالىسى باغچە باشلىقى» چېن سۇفېن(سولدىن 1-كىشى) فۇجوۋدىكى شىخۇ باغچىسىدا شەھەرلىك باغ-ئورمان مەركىزى، شىخۇ باغچىسى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ شىخۇ كۆلىدىكى جۇخار گۈلى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيەسى ۋە باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۈەن فوتوسى

پەقەت ئارزۇنىڭ تاڭ نۇرى يەنىلا ئالدىمىزدا بولسىلا

ليۇجى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ جاڭيەن(سولدا) ئوقۇغۇچى لۇڭ يۈنپىڭ(ئوڭدا) ۋە لۇڭ يۈنفەننىڭ ئۆيىگە ئائىلە زىيارىتىگە ماڭماقتا(9-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شۈ فوتوسى

پەقەت ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىز يەنىلا يېنىمىزدا بولسىلا

11-ئاينىڭ 21-كۈنى، ساياھەتچىلەر چىڭداۋ شەھىرىنىڭ نەنباداگۇەن مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى

ھەر بىر كىچىك ئىشمۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

ھەر بىر ھېكايىمۇ بۇ يىلنى ئەڭ بەختلىك يىلغا ئايلاندۇردى

ئىشچى گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى خۇاڭپىڭ ناھىيەسى شىنجوۋ بازىرى خۇاڭپياۋ كەنتىدە ئۆزى باققان كالىلارغا يەم-خەشەك بەرمەكتە(2023-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان(ۋاڭ چاۋ فوتوسى)

2023-يىلىدىكى ھېكايە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.

2024-يىلى، بىز يەنە يېڭى گۈزەللىككە قۇچاق ئاچىمىز.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋۇ سۇداۋ(ئوڭدا) ئوتلاقتىكى گۈللەردىن بىر دەستە گۈل تىزىپ خوتۇنى بەي سارېنغا تۇتماقتا.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىپېڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.