[سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى]
غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى غەربىي قىسىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىنى تېزلەتتى ھەم دۆلىتىمىزدىكى 400دىن ئارتۇق شەھەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، 500 مىليونغا يېقىن ئاھالىگە مۇلازىمەت قىلدى. سۈرەتتە: غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 3-لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى قورغاس مەشغۇلات رايونىدا، ئىشچىلار گاز يەتكۈزۈش قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى