تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

«ئېنزىملىق قارىئۆرۈك بالقېقى» راستتىنلا ئورۇقلىتامدۇ؟ يېگۈچىلەرنى نەس باستى

    نەپسىنى يىغالمايدۇ، ھەرىكەت قىلغۇسى كەلمەيدۇ، ئورۇقلاش جەريانى ھەقىقەت بەك ئازابلىقمۇ؟ توردا، بىر مال ساتقۇچى بىر خىل ئاجايىپ «ئېنزىملىق قارىئۆرۈك بالقېقى» بار، ئۇنى ئىستېمال قىلغانلار ھەرىكەت قىلمايمۇ ئورۇقلىيالايدۇ، دەپ ماختىغان. بۇ زادى قانداق يېمەكلىك، ئۇنىڭ راستىنلا شۇنداق ئاجايىپ ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى بارمۇ؟

   ئاجايىپ ئۈنۈملۈك «قارىئۆرۈك بالقېقى»نى ئىستېمال قىلسا راستتىنلا ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟

   نۇرغۇن كىشىدە قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر كۆرۈلگەن

   بۇ يىل 3- ئايدا، جياڭسۇ سۇجوۋ جاڭجياگاڭ ساقچىلىرى نۇرغۇن تور سۇپىسىدا «ئېنزىملىق قارىئۆرۈك بالقېقى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك سېتىلىۋاتقانلىقىنى، ساتقۇچىلارنىڭ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، دەۋاتقانلىقىنى، سېتىلىش مىقدارىنىڭمۇ زور ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ساقچى تەرەپ بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان نۇرغۇن ئىستېمالچى بىلەن ئالاقىلەشكەندە، كۆپ قىسىم ئىستېمالچى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن باش قېيىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ناچار تەسىرلەر كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.

    ئارقىدىن، ساقچى تەرەپ «ئېنزىملىق قارىئۆرۈك بالقېقى»نى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار قانۇنسىز قوشۇلغانلىقىنى بايقىمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ساقچى تەرەپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ مولېكۇلا قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئىنچىكە بىر قېتىم تەكشۈرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ «ئېنزىملىق قارىئۆرۈك بالقېقى»غا يېڭى تىپتىكى بىرىكمە «شۇاڭشىنفېنتىڭ»(双辛酚汀) قوشۇلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئىلگىرى ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان يېڭى تىپتىكى بىرىكمە ئىكەن.

    بۇ يېڭى تىپتىكى بىرىكمىنىڭ قۇرۇلمىسى «شۇاڭسۇفېنتىڭ» (双醋酚汀) بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ

    زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا بولۇپ، قانۇنسىز قوشۇلغان ماددا ھېسابلىنىدۇ

    «شۇاڭشىنفېنتىڭ» پۈتۈنلەي يېڭى بىر خىل بىرىكمە ئىكەن، ئۇنداقتا، ئۇنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

    گەرچە «شۇاڭشىنفېنتىڭ» يېڭى تىپتىكى بىرىكمە بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ «شۇاڭسۇفېنتىڭ» بىلەن قۇرۇلما جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئالاقىدار ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۇاڭسۇفېنتىڭ دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ دورا ياكى خام دورا سۈپىتىدە ئىشلەپچىقىرىلىش ياكى ئىمپورت قىلىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشمىگەن. «شۇاڭسۇفېنتىڭ»غا ئوخشاش ماددا فېنتەي (酚酞)نىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى يامان ئەكس تەسىرى بولغاچقا، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 2021- يىلى «فېنتەي تابلېتكىسى ۋە فېنتەي شۈمۈرمە تابلېتكىسى دورا مەھسۇلاتلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (2021- يىلى 6- نومۇرلۇق)»نى تارقاتقان.

    بۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىغا ئاساسەن، يېمەكلىككە دورا قوشۇشقا بولمايدۇ، بۇ تۈردىكى خام ئەشيالارمۇ ئەزەلدىن يېمەكلىك خۇرۇچى ياكى يېڭى يېمەكلىك خام ئەشياسى، شۇنداقلا ساغلاملىق يېمەكلىكى خام ئەشياسى سۈپىتىدە تەستىقلانمىغان. شۇڭا، يېمەكلىكتىن فېنتىڭ، فېنتەي ھەم ئۇنىڭ ئېستېر تۈرىدىكى تۇغۇندى ماددىلىرى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ماددىلار تەكشۈرۈپ چىقىلسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئادەم بەدىنىگە زەھەرلىك، ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ سالىدۇ.

    توردا سېتىلىپ ئالقىشلىق مەھسۇلات بولۇپ قالدى

    دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

   شۇنىڭ بىلەن، جياڭسۇ سۇجوۋ ساقچىلىرى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. ساقچى تەرەپ بۇ شايكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سىرتىدىكى بىر سانائەت رايونىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى، توردا زور سېتىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەتتا توردا سېتىشقا تايىنىپ، توردىكى ئالقىشلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغانلىقىنى بايقىغان.

    بۇ جىنايەت شايكىسى ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس بىر يۈرۈش سېتىش سۆزلۈكىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەھسۇلاتلىرىنى ساپ تەبىئىي يېمەكلىك، تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە تەبىئىي ئېنزىم تەركىبى مول، بۇ مەھسۇلاتنى ئىستېمال قىلسا «تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش»، «ئورۇقلاش» ئۈنۈمىگە تېز يەتكىلى بولىدۇ، دەپ ئېيتقان.

   گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىقىدا، جياڭسۇ ساقچىلىرى 80دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى بىر يولىلا قولغا ئالغان، ئۆلكە سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئامباردا ساقلاش ئۇۋىسىدىن ئالتىنى بىتچىت قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق 60 توننىدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان بولۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، كېڭەيتىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېمەكلىك ساھەسىدىكى قارا كۈلرەڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈپ تاشلىغان.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئورۇقلاپ زىلۋالىشىشتا ئىلمىي، مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىش، تور تەشۋىقاتىغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك كېرەك، ئىچىنى سۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇقلاش سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.