تىيانشان تورى خەۋىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولدى. مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۈچ دەرىجىلىك ئاپتونومىيەلىك جاي (رايون، ئوبلاست، ناھىيە) تولۇق بولغان ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە تەسىس قىلىنغان. ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئوبلاست باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىملىقىنى بىردەك رايون ئاپتونومىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەت پۇقراسى ئۈستىگە ئالىدۇ. سۈرەتتە: شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھۆججەتلەرنى ئۆگەنمەكتە، مۇھاكىمە قىلماقتا.