[سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى]
تىيانشان تورى خەۋىرى خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش. شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق، يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا كۆچۈش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، سوتنى چارۋىچىلىق رايونلىرىغا كىرگۈزۈش، سودىيەلەرنى تورسىمان كاتەكچىگە كىرىپ دەۋانى مەنبەدىن تۈزەش يېڭى ئەندىزىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، چەت، يىراق جايلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەرز قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى. سۈرەتتە: شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييارە سوت كوللېگىيەسى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا.