تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

نىڭبو شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مائارىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى

12-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا شاھمات ئويناشنى ئۆگەتمەكتە.

     كۇچا شەھەرلىك ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى ياردەم بېرىپ قۇرغان «ئاچقۇچ تاپشۇرۇش» تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ بىر ئېچىۋېتىلگەن كۇتۇپخانا، ئالتە كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ئىككى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئورنى قۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوچۇق دەرسخانىسىدىكى كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشىغا ئىشلىتىلدى، بۇ يىل 4-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ نىڭبونىڭ «شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى رايون ھالقىش ئەندىزىسى»نى قوللىنىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئۇنى شىنجاڭ خاسلىقى، جېجياڭ سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدىغان ئۈلگىلىك مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ چىقارماقتا.     (ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن خۇەنخۇەن)

ئوقۇغۇچىلار ئېچىۋېتىلگەن كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇماقتا. ھازىر، كۇچا شەھەرلىك ياڭمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپى يەنە ساز چېلىش، شاھمات ئويناش، ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىش، چامباشچىلىق، پۇتبول، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق 53 كېڭەيتىلمە دەرس تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىدى.

ئوقۇغۇچىلار شاھمات كېڭەيتىلمە دەرسىگە قاتناشماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.