تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خاس يار ـ يۆلەك بولۇش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ مائارىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

تيەنجىن «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە:

خاس يار ـ يۆلەك بولۇش ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ مائارىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

ھەربىر پەن سىستېمىسىدا «يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش» «بار بولۇشتىن ئەلالىشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆكرەك ئاغرىش، سەكتە، يارىلىنىش، ئەھۋالى خەتەرلىك، ئېغىر ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش، ئەھۋالى خەتەرلىك، ئېغىر بالىلار ۋە يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش مەركىزىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ مەركەز» بەرپا قىلىندى؛ تيەنجىندىكى ئىككى تولۇق كۇرس مەكتىپى، سەككىز ئالىي كەسپىي مەكتەپ خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شۆيۈەن فاكۇلتېتلارنى ھۆددىگە ئېلىش»نى قانات يايدۇردى؛ خوتەن ۋىلايەتلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ (تيەنجىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى) «پۈتۈن پەنلەر بويىچە سىنىپلارنى ھۆددىگە ئېلىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ «تيەنجىن ـ خوتەن ئۈلگە كۆرسىتىش سىنىپى» تەسىس قىلدى...

مائارىپ، داۋالاش خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا مائارىپ، داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «دوختۇرخانا بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىش» «شۆيۈەن فاكۇلتېتلارنى ھۆددىگە ئېلىش» «تيەنجىن ـ خوتەن سىنىپى» «پۈتۈن زەنجىر شەكلىدە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش» «كەسپىي مائارىپ بويىچە بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش» قاتارلىق بىر قاتار خاس يار ـ يۆلەك بولۇش ئەندىزىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

بۇلتۇر 12 ـ ئايدا تيەنجىن شەھەرلىك 4 ـ مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ يۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى بولغان. ئۇ 5 ـ تۈركۈمدىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەر بىلەن دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، باشقۇرۇش، داۋالاش، پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش» تەڭ يولغا قويۇلغان شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش يارقىن نۇقتا قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلدى.

دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياردەم بەرگۈچى تەرەپنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. «يۇقىرى ساپالىق ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش قوشۇنى ئەۋەتكەندىلا، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېدى جاڭ يۇڭ.

«خۇا دوختۇر كۆزۈمنى داۋالاپ ساقايتتى.» كېرىيە ناھىيەلىك 1 ـ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سەككىز ياشلىق ئەلىجان ئابدۇغېنى خۇا دوختۇرنى بەك ياخشى دەپ ماختىدى. ئەلىجان ئېيتقان خۇا دوختۇر تيەنجىن شەھىرى 5 ـ تۈركۈمدىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خۇا نىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ داۋالىشى بىلەن تۇغما كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسىلى بار بولغان ئەلىجاننىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.

5 ـ تۈركۈمدىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى «بەش چوڭ مەركەز» ھەم مەخسۇس بۆلۈملەر ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىتتىپاقى، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىتتىپاقى، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى مەخسۇس بۆلۈمى ئىتتىپاقى، قان تازىلاش سۈپەت كونترول مەركىزى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ھەم باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

يۇقىرى سۈپەتلىك «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن نامرات رايونلارنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش ۋە تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك يول. تيەنجىننىڭ مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى ئارقىلىق «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، خوتەن ۋىلايەتلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ (تيەنجىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى) ۋە چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسىدىكى قىسمەن ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، تيەنجىننىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان دائىملاشقان مېخانىزمنى شەكىللەندۈردى.

تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا 11 ـ تۈركۈمدە ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش، ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇش، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ (تيەنجىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى)نىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، يەنە نىيە ناھىيەلىك يەسلى، چىرا ناھىيەلىك جىننەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى، خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ 2 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 17 مائارىپ تۈرى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يار ـ يۆلەك بولۇش يولىدا يېڭىلىق ياراتتى

«ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى بۆلۈمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالغاندا، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابلىز ئابدۇجېلىل مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئۇ چاغدا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ICU كېسەلخانىسىدا پەقەت توققۇز كېسەل كارىۋىتى، سەككىز دوختۇر بار ئىدى».

ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە شۇ جايدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تيەنجىن شەھىرىدىكى 15 دوختۇرخانا خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك «دوختۇرخانا بۆلۈملەرنى ھۆددىگە ئېلىش» بويىچە 13 كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆسمە كېسەللىكلىرى تېبابىتى، ھەزىم قىلىش يولى ئەينىكى، ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابىتى، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «تۆت رايون دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش مەركىزى» قۇردى، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ـ تۇغۇت بۆلۈمى، مەقەت ـ ئۈچەي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك 18 كىلىنىكىلىق مەخسۇس بۆلۈم ۋە ئىككىلەمچى مەخسۇس بۆلۈمگە پائال ياردەم بەردى.

نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى 27 كىلىنىكىلىق پەن، 88 ئىككىلەمچى پەن بەرپا قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت كونترول مەركىزىنىڭ شۆبىسىدىن 31نى قۇردى، پەن سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش تۈرلىرى تېخىمۇ تولۇقلاندى، دوختۇرخانىنىڭ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

«ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، خوتەن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تيەنجىن شەھىرىدىكى ئىككى تولۇق كۇرس مەكتىپى، سەككىز ئالىي كەسپىي مەكتەپ بىلەن «شۆيۈەن فاكۇلتېتلارنى ھۆددىگە ئېلىش»نى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، ئىچكى خاس مەزمۇنلۇق تەرەققىي قىلىدىغان، ئوقۇتۇش بىلەن تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، دەل جايىدا يېتىشتۈرىدىغان كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندى، نۆۋەتتە بۇ شۆيۈەندە 18 كەسىپ بار بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 5000دىن ئاشىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ (تيەنجىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى)تە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى ئۇدا تۆت يىل %100كە يېتىپ، شۇ جايدىكىلەر تەرىپىدىن تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشىدىكى «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەترىتى» دەپ ئاتالدى...

ئۆگىتىپ، ياردەم بېرىپ، يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ پۈتۈن كۈچ بىلەن تايانچ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى

«ليۇ مۇدىر بىزنى يېتەكلەپ مىكرو زەخىملىك يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، نۇرغۇن ئاغرىقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك ـ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابلىز مەمەتئېلى.

ئابلىز تىلغا ئالغان ليۇ مۇدىر 5 ـ تۈركۈمدىكى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ليۇ زىخوۋ ئىدى. شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئابلىز بىلەن «ئۇستاز ـ شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى» ئورناتتى، ئۇنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكلىشىدە، ئابلىز ئىشلەۋاتقان يۈرەك ـ كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ مىكرو زەخىملىك تۇغما يۈرەك كېسىلىنى تۈزەش ـ داۋالاش، تاجسىمان تومۇرغا كۆۋرۈك سېلىش، كىلاپاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش/ئالماشتۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىنچىكە، ئىلغار يۈرەك تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەلىرىنى قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى جەمئىي ئون نەچچە تۈرلۈك تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى. «ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشتىن داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈشكىچە، ليۇ مۇدىر قولمۇقول ئۆگەتتى، قايتا ـ قايتا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ ياردىمىدە، بىزنىڭ مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە تېخنىكىمىز خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى ئابلىز.

«يېتەكچىلىكىدە ئىشلەش»تىن «كۆرۈپ تۇرۇپ ئىشلەش»كىچە، ئاندىن «دادىل ئىشلەش»كىچە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياردىمىدە، شۇ جايدىكى ئابلىزغا ئوخشاش بارغانسېرى كۆپ دوختۇر تەدرىجىي ھالدا ئۆز ئالدىغا ئىشلىيەلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى.

خىزمەت جەريانىدا، تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار يەنە كىلىنىكىلىق ئوقۇتۇش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئوپېراتسىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆگىتىش، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش قىيىن بولغان ئاغرىق مىساللىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ياردەم بېرىش، يېتەكلەش شەكىللىرىنى قوللاندى، كەسىپ تايانچلىرى، پەن باشلامچىلىرىنى تيەنجىن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن دوختۇرخانىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا، ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىش شەكلى ئارقىلىق داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى يېتىشتۈرۈلدى. تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 370 دوختۇر بىلەن ئۇستاز ـ شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەم تەربىيەلەش پىلانى ئىمزالىدى؛ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 187 كەسىپ تايانچى، پەن باشلامچىسى تيەنجىن تېببىي داشۆسى باش دوختۇرخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن دوختۇرخانىغا بىلىم ئاشۇرۇش، ئۆگىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىلدى... نۆۋەتتە، تەربىيەلىنىپ كەلگەن كۆپ ساندىكى كۇرسانت كەسىپ ماھىرى، بۆلۈم تايانچى، ھەتتا پەن باشلامچىسىغا ئايلاندى.

بۇ يىل، تيەنجىن شەھىرى جىننەن رايونى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئوقۇتقۇچىلار كوللېكتىپىنىڭ كۆلىمىنى 87 كىشىگە كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «1+X» ئۇستاز ـ شاگىرت ئەندىزىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 1000دىن ئارتۇق ياش ئوقۇتقۇچىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.