تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭلىق قىز ئالتە كۈندە دېھقانلار كۆكتات گەمىسىنى پۈتكۈزدى

   كونا ھويلا-ئاراننى ئۆزگەرتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى  كۆكتات گەمىسىنى يېڭىدىن ياساش. توپا قېزىش ماشىنىسى ئۇستىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئورەك كولاشقا ياردەم قىلدۇرۇشتىن سىم تارتىش، تام قوپۇرۇش، ئۆگزىنى يېپىشقىچە، گۈلشەن ئالتە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆكتات گەمىسىنى پۈتكۈزدى.

   گۈلشەن تۇرپاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بېيجىڭدىكى بىر كارخانىدا خىزمەت قىلدى. 2018-يىلى، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، يۇرتىغا قايتىپ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا تۇرمۇشىنى خاتىرىلەيدىغان قىسقا فىلىم ئىشلەيدىغان ئىجادىيەتچى بولدى. ئۇنىڭ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىدىن جىمجىت ۋە خاتىرجەم يېزا تۇرمۇشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ جاپاسى، قىيىنچىلىقلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گۈلشەننىڭ ئۆز قولى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىنى ئۆزگەرتىپ، بەختنى ئىشىك ئالدىدىلا كۆرۈش ئارزۇسى بار ئىدى. ئۇ بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كامېرا ئارقىلىق ئۆز ئەينى نامايان قىلدى.

   ئۇ 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تېرىغان خۇڭشۇلارنى كولاپ چىقاردى، ئۈزۈم ئۈزدى، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى گەمىگە سالدى، خۇڭشۇنى توپىغا كۆمۈپ ساقلىدى، ئۈزۈم، كاۋا، قوغۇن، تاۋۇزنى گەمىگە سالدى، كۆكتات گەمىسىدە تېرمومېتىر كەم بولسا بولمايتتى، 11-ئاينىڭ بېشىدا، ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە تېرىغان لوبۇ، بەسەيلەرنى يىغىۋالدى، بەسەينىڭ ئۈستىگە پاختا رەخت يېپىپ يېڭى پېتى ساقلىدى، لوبۇنىڭ ئۈستىگە يوپررماق يېپىپ يېڭى پېتى ساقلىدى، قىروۋ چۈشۈش مەزگىلى كەلگەندە، لوبۇنى كۆكتات گەمىسىگە سالدى، لوبۇنى توپىغا كۆمۈپ ساقلىدى، 12-ئاينىڭ بېشىدا، بەسەي، ياڭيۇ، چامغۇرنى كۆكتات گەمىسىگە سالدى، بەسەينى جازىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ ساقلىدى، كۆكتات گەمىسى كۆكتات بىلەن تولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.