تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش مەزگىلىدە ئىش ئورنىغا بارالمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەھكىمىسى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 42- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەكچى كېسەل بولۇپ ياكى ئىش ئۈستىدە بولمىغان سەۋەبلەر بىلەن زەخىمىلىنىپ، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش مۇددىتى ئىچىدە بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن 40- ماددا، 41- ماددىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئاساس قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ، لېكىن ئەمگەكچىدە 39- ماددىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

 «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 39- ماددىسىدا ئەمگەكچىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ: (1) سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا؛ (2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛ (3) ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەنپەئەتىگە زور زىيان يەتكۈزگەن بولسا؛ (4) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى باشقا ئورۇن بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەن بولسا؛ (5) مۇشۇ قانۇننىڭ 26- ماددىسى 1- تارمىقىنىڭ 1- تۈرىدە بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئەمگەك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا؛ (6) قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا.

  پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.