تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لى پېڭشىننى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ لى پېڭشىننى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ لى پېڭشىننى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار سۆز قىلىپ، بىردەك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرگەنلىكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇشتەك ئىزچىل مەيدانىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم قويۇپ بەردى، بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى يەنە بىر قېتىم چالدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا لى پېڭشىننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى ئەينەك قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش كېرەك. غايە - ئېتىقادنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشنى ھەر ۋاقىت پۇختا ئىگىلەپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا كىم ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كىم ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، كىمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، دائىم ئىدىيەدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، سىياسىي روھنى ساپلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتتىكى ئېغىشنى توغرىلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ماكانىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي قاتتىق ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى ھەقىقىي بەرپا قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇز تۇرغاندا، كىچىك ئىشلاردا، باشتىمۇ، ئاخىرىدىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.