تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

دۆلىتىمىز جەمئىي 11 مىليوندىن ئارتۇق ئاسپرانت تەربىيەلىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 12- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ جەنفېي) مائارىپ مىنىستىرلىقى 11- چېسلا شاڭخەيدە يېڭى دەۋر ئاسپىرانتلار مائارىپى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز جەمئىي 11 مىليوندىن ئارتۇق ئاسپىرانت تەربىيەلىگەن. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە 1- دەرىجىلىك پەنلەردىن 117سى ۋە كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان تۈرىدىن 67سى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 19 مىڭدىن ئارتۇق ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 780 دىن ئارتۇق ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا 600 مىڭدىن ئارتۇق دوكتور ۋە 6 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ماگىستىرنى يەتكۈزۈپ بەرگەن. 2022- يىلى، ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ سانى 3 مىليون 650 مىڭغا يەتكەن. 

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.