تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

«ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۆرنەكلىرى ▕جىلىن: مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ماركىسى يارىتىپ، ئادەم تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتتى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جۈنشيۇ«سايا دومان ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، دەرس ۋاقتىدا سوئاللارغا ئاكتىپ جاۋاب بېرىدۇ، لېكىن يەنىلا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەسلەشكە توغرا كېلىدۇ». «ئايا نەزېلقاننىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ماتېماتىكا نەتىجىسى تېز ئۆستى، كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشى كېرەك». 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا دەرسىدە، بۇ سىنىپتىكى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆگىنىش ئىپادىسىگە باھا بېرىۋاتاتتى. 

   «ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىدا پەرق بولىدۇ، مەن قاتلاملار بويىچە ئوقۇتۇش، قاتلاملار بويىچە تاپشۇرۇق بېرىش، باسقۇچقا بۆلۈپ ئىمتىھان ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى سەھنىگە چىقىپ ئۈلگە كۆرسەتكۈزۈپ، باشقا ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇردۇم.» جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ليۇ نا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك ئۆزئارا يېتىشىۋالدى ۋە بىر-بىرىدىن ئېشىپ كەتتى، ئۆگىنىش كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق».

    بۇ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا  مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  ئۇستاز بىلەن شاگىرت قوشماقلىشىپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان قوشۇن بەرپا قىلىندى

     «مەن شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى دۇڭ شىيۈ بىلەن ئۇستاز-شاگىرت بولۇپ قوشماقلاشتىم، بىز ئۆزئارا ئۆتكەن دەرسلەرنى ئاڭلاپ، ئۆزئارا ئالغا بېسىپ، ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسىگە ئايلاندۇردۇق، بۇ مەزگىلدە جاپامۇ تارتتۇق، تېخىمۇ مۇھىمى نەتىجىگە ئېرىشىپ خۇشال بولدۇق» دېدى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالتاي ۋىلايەتلىك 2-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىسى نىڭ جيا. 

     نىڭ جيا جىلىن ئۆلكىسىدىن كەلگەن، ئۇ ئىككى تولۇق ئوتتۇرا تەجرىبە سىنىپىنىڭ خىمىيە دەرسى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قوشماقلىشىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي دەرسلەردە تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەردى. بۇ يىل، ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى دۇڭ شىيۈ سۆزلىگەن «ئىپتىدائىي باتارېيە» دېگەن دەرس ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە ئوخشاش دەرس، ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلما مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

   ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ تەكشى بولماسلىقى مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە «كىرگۈزۈش»«چىقىرىش»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇشنى يەتكۈزۈش، ئوقۇتۇش مۇھاكىمىسى ۋە تۈرلۈك تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باش يېتەكچىسى ليۇ شىڭيۈ مۇنداق دېدى: بىر قاتار تەربىيەلەش پائالىيەتلىرى ياردەم بېرىلىدىغان ناھىيە، شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى كۈچەيتىشىگە، مائارىپ ئىدىيەسىنى يېڭىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

    «بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن يېڭى بىر تۈركۈمدىكى 93 ئوقۇتقۇچى ئالتاي شەھىرى، جېمىنەي ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيەلەردىكى 11 مەكتەپتە <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، <ئۇستاز-شاگىرت قوشماقلىشىش> ئارقىلىق تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىپ يېتەكلەش، <ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش> ئارقىلىق تىپلارنى يېتىشتۈرۈش، <گۇرۇپپا ئىچىدە ئۆستۈرۈش> ئارقىلىق مەخسۇس تەربىيەلەش، <ئۇزاق مۇددەت ئەگىشىش> ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى باھالاش قاتارلىق تۆت خىل <قان ئىشلەش> ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى» دېدى ليۇ شىڭيۈ.

   ئوقۇتۇش يەتكۈزۈلۈپ تەتقىقاتقا ياردەم بېرىلدى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسىدىن نەپكە ئېرىشتى  

    «چەمبەرنىڭ يۈزىنى قانداق ھېسابلايمىز؟ قانچە خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى بار؟». 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازىرى بەيخۇ يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىق دەرسخانىسىدا، جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى مېڭ فەندۇڭ «چەمبەرنىڭ يۈزى»نى دەرسنىڭ باش تېمىسى قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئوقۇتۇش كۆرسەتمىسىنى كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا چەمبەرنىڭ چەكسىز بۆلۈنۈش نەتىجىسى ۋە چەمبەرنىڭ يۈزىنى ھېسابلاشتا ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى.

11-ئاينىڭ 8-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن بازىرى بەيخۇ يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىق دەرسخانىسىدا، جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى مېڭ فەندۇڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. (جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن سۈرەت)

     بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جىلىن ئۆلكىلىك مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالتايغا ياردەم بېرىش بويىچە بىر قاتار ئالماشتۇرۇش، «ئوقۇتۇشنى يەتكۈزۈپ تەتقىقاتقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى بۇرچىن ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلدى. پائالىيەت جىلىن، ئالتاي ئىككى جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىگىرى سۈردى.

  بۇ پائالىيەت بۇرچىن ناھىيەسىدىن باشقا يەنە ئالتاي شەھىرى ۋە قابا ناھىيەسىدە قانات يايدۇرۇلدى، بۇ پائالىيەتكە شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بىر مەيدان مەنىۋى كاتتا زىياپەت بېرىلدى. 

    ئالتاي شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ گۇرۇپپىسىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى جاۋ رۇنجىڭ مۇنداق دېدى: «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماڭا بەرگەن دەرسخانا باھاسى ئىشەنچىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكىمنىمۇ تونۇپ يەتتىم، مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيىتىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، يادرولۇق ساپايىمنى ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن».

    مۇتەخەسسىسلەر ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسلىرى يېڭى دەرس ئۆلچىمى يېتەكچىلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە دەرسخانا سېھرىي كۈچى ۋە ئۆزگىچە سالاپىتىنى نامايان قىلدى. بۇ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى مائارىپ تەجرىبە تەتقىقاتىنى باشلىغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.

   ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇش شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

​      10-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (جىلىن ئۆلكىلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بىلەن شىنجاڭ كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى چاڭچۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، جىلىن ئۆلكىسى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ھەمكارلىق مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى جايدىكى كادىرلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى جايدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىكى كۈچلۈك تەدبىرى. 

      10-ئاينىڭ 24-كۈنى، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (جىلىن ئۆلكىلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بىلەن شىنجاڭ كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى چاڭچۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. (جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن سۈرەت)

       كېلىشىمدە پۈتۈشكىنى بويىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي شۆيۈەنى) شىنجاڭ كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى بىلەن دەرس تەتقىقاتى، نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش، بازا قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىدۇ، جىلىن بىلەن شىنجاڭنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئومۇميۈزلۈك جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

      شىنجاڭ كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى فەن جىجۈن مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق ئىككى جايدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ئىككى جاينىڭ ئوقۇتۇش مەبلىغى ئارقىلىق ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىختىساسلىقلار ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى جايدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جىلىن ئۆلكىسىدىن 11-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ باش يېتەكچىسى سۇڭ چياڭ مۇنداق دېدى: جىلىن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقە مەنبەسى چوڭقۇر، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق جىلىن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تېخىمۇ پۇختا سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ. جىلىن ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە داۋاملىق شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.