كېرەكلىك ماتېرىياللار: تازىلانغان يېڭى راك، قوناق، سەۋزە، يۇمران سۇڭپىياز، چۆچۆرە جىلتىسى
قوناقنى ئۇۋۇتۇۋالىمىز، سەۋزىنى قىرىمىز، راكنى پاكىز تازىلىۋالىمىز
سەۋزە، يۇمران سۇڭپىياز، قوناقنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز
راكنى چاناپ قىيما قىلىۋالىمىز
توغرىۋالغان سەۋزە، قوناقنى راك قىيمىسىغا تەرتىپ بويىچە سېلىۋالىمىز
بىر تال تۇخۇمنى چاقىمىز، ئاندىن توغرىۋالغان يۇمران سۇڭپىيازنى سالىمىز
ئازراق ئاش تۇزى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىۋالىمىز
چۆچۆرە جىلتىسىنى تەكشى تۆت بۆلەككە بۆلىۋالىمىز
قىيمىنى سېلىپ تۈگۈۋالىمىز
قازانغا سېلىپ 10 مىنۇت دۈملەيمىز
ۋاقىت توشقاندا قازاندىن ئېلىپ يېسەكلا بولىدۇ
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى