تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ھەي، ھەي، ھەي! يەكەندىكى ئەما بالا پۇتبولچىلار چىملىق مەيداندا «نۇر قوغلاشتى»

    ئەگەر بىرەيلەن ئىككى كۆزىڭىزنى تېڭىپ قويۇپ، سىزنى پۇتبول مەيداندا توپ ئېلىپ يۈگۈر، كوماندىدىكىلەر بىلەن ياخشى ماسلىشىپ پاس بەر، ۋارتاغا توپ ئۇرۇپ نومۇر ئال دېسە، قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلەيسىز؟

    2023-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا، يەكەن ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا بىر مەيدان ئالاھىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

    مۇسابىقىلەشكەن بىر تەرەپ يەكەن ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ «ھەي، ھەي، ھەي پۇتبول كوماندىسى»، يەنە بىر تەرەپ شاڭخەيدىن كەلگەن ئەمالار پۇتبول كوماندىسى ئىدى.

    گەرچە يورۇق دۇنيانى كۆرەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چىملىق مەيداندا ئاۋاز ئارقىلىق ئورۇننى پەرقلەندۈرۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان شۇ نۇرنى قوغلىشىپ، پۇتبول مەيدانىدىكى خۇشاللىق ۋە قايناق ھېسسىياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    2021-يىلى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى، شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى، شاڭخەي شەھەرلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، «ھەي، ھەي، ھەي پۇتبول كوماندىسى» ھۆججەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى، يەكەن ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇن، تارماقلارنىڭ تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، شاڭخەي شەھەرلىك ئەما بالىلار مەكتىپى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدە تۇنجى ئەمالار پۇتبول كوماندىسى قۇرۇشقا قول تۇتۇشۇپ ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغا «ھەي، ھەي، ھەي پۇتبول كوماندىسى» دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئىسىمنى قويۇشتىكى سەۋەب، مۇسابىقە جەريانىدا تەنھەرىكەتچىلەر «ھەي» دېگەندەك ئاۋازلارنى چىقىرىپ بىر-بىرىگە ئۇچۇر يەتكۈزىدىكەن.

    15 ياشلىق بىلال ياسىن كۆپچىلىك تەرىپىدىن «كۈچتۈڭگۈر» دەپ ئاتالغان بولۇپ، پۇتبۇل كوماندىسىغا ئەڭ بۇرۇن كىرگەن توپچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەمىشە مۇسابىقە مەيدانىدا كۈچلۈك ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ھالىتىنى نامايان قىلالايدۇ.

    بىلال ياسىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىگەرچى بازىرىدىكى بىر ئاددىي كەنتتە تۇغۇلغان، ئىككى كۆزى تۇغما ئەما. 2016-يىلى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بىلال ياسىن يەكەن ناھىيەلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ ۋە بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىشى بولۇپ، 2021-يىلى شوخ، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، سەكرەپ-تاقلاپلا يۈرىدىغان بىلال ياسىن ئەمالار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ كەسىپلەشكەن پۇتبول مەشىقىنى باشلايدۇ.

    ئەمالار بىلەن ساغلام كىشىلەرنىڭ پۇتبول تېپىشىدىكى ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى، ئۇلار پۇتبول، كوماندىدىكى سەپداشلىرى ۋە ئۆز ئورنىغا پۈتۈنلەي قۇلىقىغا تايىنىپ «ئاڭلاش» ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەمالارنىڭ پۇتبول ماھارىتى مەشىقى تېخىمۇ جاپالىق بولۇپ، تىرېنېر يېتەكچىلىك قىلغان ھەربىر ھەرىكەتنى، يەنى، يوتا، پاقالچاقتىن تارتىپ پۇتنىڭ دۈمبىسى، بوغۇملارغىچە قانداق كۈچەش، توپ ئۇرۇش بۇلۇڭىنى قانداق كونترول قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەما كوماندا ئەزالىرى قولى بىلەن ھېس قىلىدۇ، ھەربىر سۇڭ نۇقتا ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا ئەمالار ھەربىر ئاددىي ھەرىكەتنى كۆپ ھاللاردا نەچچە مىڭ قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق ئاندىن ئىگىلىيەلەيدۇ.

    بىلال ياسىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇتبول تېپىش بىر تۈرلۈك تەنھەرىكەت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ ھاياتىدا چاقنىغان بىر نۇر. ئۇ پۇتبول ئارقىلىق قاراڭغۇ دۇنيانىڭ ئۆزگىچە رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ھازىر تىرېنېرى، سەپداشلىرى بار، كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ چوڭ سەھنىگە چىقىشى مۇمكىن.


مەنبە:  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى

قىسمەن ماتېرىيال مەنبەسى: يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.