تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلگە كىردى، ھازىر ۋاكسىنا ئەملىتىشكە ئۈلگۈرەلەمدۇق؟ نەگە بېرىپ ئەملىتىمىز؟ قانداق تاللايمىز؟

  مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

    قىش كىرىشى بىلەن، تارقىلىشچان زۇكامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تارقىلىشچان زۇكامغا مۇناسىۋەتلىك ئېغىر كېسەللەر ۋە ئۆلۈش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاكسىنا ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

    تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتۇر. ھازىر تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلگە كىردى. بىر قىسىم ئامما ھازىر ۋاكسىنا ئەملەشكە ئۈلگۈرەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەكتە.

    گەرچە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولسىمۇ، ئەمما پۈتكۈل تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىش پەسلىدە، ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بېرىپ ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ.

    جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان قىشلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ساغلاملىق ئەسكەرتمىسىدە، گەرچە تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن پۈتكۈل تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش پەسلىدە ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بېرىپ ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنداق بولغاندا ھەم ئۆزىنى بىۋاسىتە قوغداپ قالغىلى، ھەم ئائىلىدىكى ۋاكسىنا ئەملىمىگەنلەرنىمۇ ۋاسىتىلىك قوغدىغىلى بولىدۇ.

    ئاممىنىڭ بۇ ئەندىشىسىگە قارىتا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ۋىرۇس كېسەللىكلىرى ئورنى دۆلەت تارقىلىشچان زۇكام مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دايەن 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل، ئىلگىرى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىمىگەن كىشىلەر ھازىر تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتسە يەنىلا ئۈنۈمى بولىدۇ. «تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە يۇقۇملىنىشنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ، يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، كېسەل بولغان تەقدىردىمۇ كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ». 

ئۇنداقتا قايسى كىشىلەر تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بولىدۇ؟

    «جۇڭگو تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئالدىنى ئېلىپ ئەملەش تېخنىكا كۆرسەتمىسى (2024-2023)»دە، ئالتە ئايلىق بولغان ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان ۋاكسىنا ئەملەش چەكلەنمىگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    «ياشانغانلار» (60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلار) ۋە «كىچىك بالىلار» (6 ئايلىقتىن 59 ئايلىققىچە بولغان بالىلار)دىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملەشنى ئالدىن تەۋسىيە قىلىمىز:

    تېببىي خادىملار؛ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى توپى؛ ئاجىز كىشىلەر ۋە قارىغۇچىلار (ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش ئاپپاراتى، پاراۋانلىق ئورنى قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردىكى ئاجىز كىشىلەر توپى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر)؛ ھامىلىدار ئاياللار؛ ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە قارىغۇچىلار؛ يەسلى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى كىشىلەر توپى).

ئۇنداقتا، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتمەكچى بولسا قەيەرگە بارىدۇ؟ 

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا مۇخبىر ئاساسىي قاتلام مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئۆزلۈكىدىن كېلىپ تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنى ئالدىن كېلىشىپ قويغانلىقىنى، بىر قىسىم مەھەللىلەردىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئامبۇلاتورىيەلىرىنىڭمۇ ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.

    جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگنلەش مەركىزى ئېلان قىلغان قىشلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ساغلاملىق ئەسكەرتمىسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: كەڭ ئاھالىلەر شۇ جايدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ، تېببىي خادىملارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بالدۇرراق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملەتسە بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرى پۈتكۈل تارقىلىش پەسلىدە ۋاكسىنا ئەملەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ۋاڭ دايەن مۇنداق دېدى: ھازىر تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق تارقىلىشچان نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇناسىپ تىپتىكى ۋاكسىنا بار، پەن تەتقىقات ۋە ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. 

    جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئېلان قىلغان قىشلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش ساغلاملىق ئەسكەرتمىسىدىمۇ، 2024~2023-يىللىق تارقىلىش پەسلىدە، ئېلىمىزدە بازارغا سېلىنغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ تۆت ۋالېنتلىق پاسسىپلاشتۇرۇلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى، ئۈچ ۋالېنتلىق پاسسىپلاشتۇرۇلغان تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ۋە ئۈچ ۋالېنتلىق زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان تىرىك ۋاكسىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 

ئۇنداقتا ئۆزى ئەملەيدىغان ۋاكسىنىنىڭ تۈرىنى قانداق تاللاش كېرەك؟

     جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تېزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى پېڭ جىبىن مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى يەرشارىۋى تارقىلىشچان زۇكامنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، كېيىنكى تارقىلىش پەسلىدە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۈچ ۋالېنتلىق ۋە تۆت ۋالېنتلىق ۋاكسىنىسىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۈچ ۋالېنتلىق ۋە تۆت ۋالېنتلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنىڭ ھەممىسى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئامما خالىغان بىر خىل تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەملەتسە بولىدۇ. 

ئۇنداقتا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ كونكرېت تۆۋەندىكىچە↓

    ۋاكسىنا ئەملەتكۈچى ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملىگۈچى خادىمغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىشنى چەكلەش ئەۋالى بار-يوقلۇقى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ قىزىش، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىشى كېرەك

    ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەندىن كېيىن، نەق مەيداندا 30 مىنۇت كۆزىتىش كېرەك

    ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، سۇيۇق-سەلەڭ غىزالىنىش، جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

    ئەگەر بىنورمال كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىگەن خىزمەتچى خادىمدىن سۈرۈشتۈرۈش ھەم دوكلات قىلىش، زۆرۈر بولغاندا ئۆلچەملىك داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك

       ئاكتىپ ۋاكسىنا ئەملەش بىلەن بىللە، ۋاڭ دايەن ئاممىغا كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئىلمىي ماسكا تاقاشقا دىققەت قىلىش، ياخشى شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى كۆزىتىشنى ئەسكەرتتى، بۇ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.