تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئۇلۇغچاتتىكى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈچ بالا چاڭجوۋدا داۋالاندى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

   12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق جانار ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن يىپىنى سۆكتۈرۈۋاتاتتى. جانارنىڭ ئاپىسىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى: «چاڭجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلارغا رەھمەت، چاڭجوۋدىكى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەيتتۇق».

   بۇ يىل، بىر ياش 10 ئايلىق بولغان جانارنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقى ئېنىقلاندى، يۈرەككە ئۇزۇن مەزگىل قان يېتىشمىگەچكە ئۇنىڭ يېتىلىشى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا قارىغاندا ئاستا ئىدى. جانارنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئادەم بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسەن ئېرىنىڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشىغا تايىنىدىكەن، جانار ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن.

    چاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بالىلارنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى چاڭجوۋ شەھەرلىك كومىتېتى، چاڭجوۋ شەھەرلىك خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، چاڭجۇ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، «چاڭجوۋ بالىلارغا مۇھەببەت يەتكغزىدۇ» تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈرىنى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالىدى.

دوختۇر ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى بىرمۇىبر تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بالىنىڭ يۈرەك قىسمىغا رەڭلىك B چاۋ ئىشلىمەكتە.

سۈرەتنى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن

    11-ئاينىڭ 1-كۈنى، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۈچ بالا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن چاڭجوۋغا ماڭدى. 11-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى يۈرەك مەركىزى كوللىكتىپى جانار ئۈچۈن يۈرەك قېرىنچە ئارىلىق كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش ئوپېراتسىيەسى، كۆكرەك بوشلۇقى يېپىق شەكىلدە يىرىڭ چىقىرىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش ئارقىلىق، 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، جانار ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى.

   «ئۈچ بالىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى تەجرىبىسى مول دوختۇرلارنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەسپىي دوختۇرلار يول بويى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، بالىلارنى بىخەتەر يەتكۈزۈشكە ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى» دېدى چاڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى شېن چۇنفېڭ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.