تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جاڭ جياگاڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولغان توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

   12-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تۈرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ تۈر جاڭجياگاڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، رايون خاراكتېرلىك زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا «چوڭ كېسەللىكلەرنى ناھىيەدىلا داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. 

  توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرىگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 19 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىناسىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن قۇرۇلغان DSA (رەقەملىك تەسۋىر كېمەيتىپ قان تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى) ئوپېراتسىيە ئۆيى، يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسى ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تاش ئېزىش ماشىنىسى، قورساق بوشلۇقى ئەينىكى، ئاشقازان-ئۈچەي ئەينىكى، تېز سۈرئەتتە توڭلىتىپ يالپاقلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    توققۇزتارا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەسلىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسى ۋە كېسەلخانىسى ئاران 700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 12 كېسەل كارىۋىتى بار ئىدى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان بولغاچقا، كەڭ ئاغرىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايتتى. ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىن، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئامبۇلاتورىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 600 كىۋادرات مېتىرغا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كېسەلخانىسىنىڭ كۆلىمى 2300 كىۋادرات مېتىرغا، كارىۋات 40قا يەتتى، كېسەلخانىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مۇھىتى ياخشى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، DSA ئوپىراتسىيەخانىسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، قىسقىغىنە بىر ھەپتىدە تۈرلۈك يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش ئوپىراتسىيەسىدىن يەتتىسى تاماملانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش ئوپىراتسىيە مۇرەككەپ 3-دەرىجىلىك ئوپىراتسىيە بولۇپ، %71نى ئىگىلىگەن، تاجىسىمان تومۇرنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش، تاجىسىمان تومۇرغا تىرەك سېلىش، سول تۇتام تارماق قوزغاتقۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك يۈرەك قان تومۇرغا نەيچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرغان. 

توققۇزتارا ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى يۈ جىفېڭ 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.