تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جاڭ شياۋگاڭ: ئەخلاق كىشى قەلبىنى ئىللىتتى ھەم ئۇستاز، ھەم دوست

  جاڭ شياۋگاڭ، تيەنجىن تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ ۋاسكېتبول ئوقۇتقۇچىسى، ماگىستىر يېتەكچىسى، ۋاسكېتبول دۆلەت تەنھەرىكەت ماھىرى، 21 يىللىق ۋاسكېتبول كەسپىي ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، تيەنجىن تەنتەربىيە شۆيۈەنى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى.

  ئىلگىرى دۆلەت ياشلار كوماندىسى، بېيجىڭ ھەربىي رايون، خېبېي، تيەنجىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا تاللانغان. ئارمىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا، مەملىكەتلىك ياشلار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا، مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكېتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2-لىككە، مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى CUBAL ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 3-لىككە، ئىككى نۆۋەتلىك غەربىي شىمال مۇسابىقە رايونىدا چېمپىيونلۇققا (غەربىي شىمال شاھى)، سەنشى ئۆلكىلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيولۇققا، تيەنجىن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن. 2023-يىلى 9-ئايدا تيەنجىن تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ 4-تۈركۈمدىكى شىنجاڭدا پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ 15 ئەزاسىنى باشلاپ چىرا ناھىيەسىگە كېلىپ، شىنجاڭغا مائارىپ جەھەتتە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى.

جاڭ شياۋگاڭ (ئوڭدا) كوماندا ئەزالىرىغا ۋاسكېتبول ئاساسىي مەشىق ئۇسۇلى ۋە مۇسابىقە مەيدانى تاكتىكىسىنى چۈشەندۈرمەكتە.

سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

  مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىدىكى ھەربىر ئەزاغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پىراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مائارىپ ھېسسىياتى نۇقتىسىدىن ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ئەزالارنى مەكتەپ چامباشچىلىق گىمناستىكىسىنى تەشكىللەشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، مەكتەپ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇردى؛ مەكتەپ ئىچىدە كۆپ خىل كۇرۇژۇك دەرسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە تۇرمۇشى بېيىتتى؛ ھەر ھەپتىدە ئوقۇتۇشنى يېزىلارغىچە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمتۈرتكە شەكلىدىكى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ۋاسكېتبول، پۇتبول، چامباشچىلىق، تەيچۈەنداۋ، ئارغامچا سەكرەش، مەدەتچىلەر گىمناستىكىسى، ئۆسمۈرلەر، بالىلارنىڭ ماھارەت، ساغلاملىق، ماددا ئالمىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت خاس تەنتەربىيە دەرسلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىدىكى ئەزالارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

جاڭ شياۋگاڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ دائىملىق مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

    چىرا ناھىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كوماندا يېتەكچىسى، تىرېنېر بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى تەنھەرىكەتچى. ئۇ ئىشنى ئاساسىي بەدەن ئىقتىدارى مەشىقىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بىر ئايدىن كۆپرەك مەشىق قىلدى، ھەر كۈندىكى يۇقىرى سىجىللىقتىكى بەدەن ئىقتىدارى مەشىقى كونا يارىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لېكىن ئۇ قەتئىي ۋاز كەچمەي، باشتىن-ئاخىر كوللېكتىپنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. مەشىق ۋە مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش جەريانىدا، ئۇ ھەممىگە «بېلىق بېرىپ»لا قالماي، ئەڭ مۇھىمى «بېلىق تۇتۇش»نىمۇ ئۆگىتىش ئارقىلىق، كوللېكتىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ئەترەت ئەزالىرىغا جانلىق، سەر خىل ۋاسكېتبول دەرسى ئۆتۈپ، ۋاسكېتبول ئاساسىي مەشىق ئۇسۇلى ۋە مۇسابىقە مەيدانى تاكتىكىسىنى ئۆگەتتى، كوماندا ئەزالىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاسكېتبول ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە بۇ تاكتىكىلارنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2023-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «تيەنجىن-خوتەن لوڭقىسى» پەي توپ، تىكتاك توپ مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن

    باش رېپىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ رېپىرلار قوشۇنىنى باشلاپ تىكتاك توپ، پەي توپ مۇسابىقىسى قائىدىسىنى چۈشىنىشنى سىستېمىلىق رەتلەپ ۋە كۈچەيتىپ، دېلو مىساللىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئارقىلىق نەق مەيداندا رېپىرلىق قىلىشتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي كەسپىي سەۋىيە ۋە ئۇنىۋېرسال ساپانى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى. رېپىرلار قوشۇنىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.

مەنبە: خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.