تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

​كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش باش پونكىتىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

​لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش باش پونكىتىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش باش پونكىتىدا تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش باش پونكىتىغا بېرىپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، تىزگىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تىزگىنلەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاتموسفېرا مۇھىتىدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش ئاپتوموبىل - ئۈسكۈنىلەرنىڭ سەپلىنىشى، يۈرۈشۈش ئەندىزىسى، ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ھازىرقى ئۇششاق دانچىلار ( PM2.5)، سۈمۈرۈلۈشچان دانچىلار (PM10)، ئوزون (O3) قاتارلىق بۇلغىمىلارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەپسىلىي سورىدى، مۇھىتتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۇچۇش سۇپىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىق تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار خادىملار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇلغىما تىپىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، مەنبەدىن تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي چارە، ئەسقاتىدىغان تېخنىكا ئارقىلىق «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىتتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىپ، ئىيون خىروماتوگرامما تەجرىبىخانىسى، ئومۇمىي ئورگانىك كاربون/ئادسورپسىيەلىنىدىغان گالوگېنلار تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەجرىبىخانىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، بۇ رايوننىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش نەتىجىسى، ھازىرقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

ما شىڭرۇي بىر يىلدىن بۇيانقى «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونى شىنجاڭنىڭ ئاتموسفېرا - مۇھىت بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا. ئىشەنچ، ئىرادىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ سىستېمىلىق، ئىلمىي بولغان تەپەككۇر، تېخىمۇ ئەسقاتىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى ئىستېرېئولۇق ئۇنىۋېرسال كۆزىتىپ ئۆلچەش تورىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى، نۇقتىسى تەسىس قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، O3 ، PM2.5 قاتارلىق ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى ھەر ۋاقىت ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى رايونغا ئايرىپ، ۋاقىتقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدار - سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نىشانغا كۈچەشنى دەل جايىدا ئانالىز قىلىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ چوڭقۇر قوللىنىلىشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئانالىز قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىكى نۇقتىلىق رايون، ساھە، نۇقتا، ۋاقىت بۆلىكى قاتارلىقلارنى دەل جايىدا بېكىتىپ، نىشانلىق ئوق ئېتىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىشىنى چوڭقۇر تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارچە كۆمۈر ئىشلىتىشنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىقلاردا پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناشتا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قوشۇننى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، كەسىپلەشكەن مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، سۇپا تەسىس قىلىش ۋە كۈچ تەقسىملەشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاتموسفېرا - مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى قاتلاملىق تەتقىقات تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت خىزمىتى قوشۇنىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزى تۇتۇپ، ئۆزى باشقۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارماقلار، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىش كېرەك.

قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.