تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

«خەن خۇڭ مېھرى- شەپقەت يەتكۈزۈش» فوندى جەمئىيىتى 3 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

     11- ئاينىڭ 23- كۈنى، «خەن خۇڭ مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاممىۋى پاراۋانلىقى قايتا ھەرىكىتى» ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭ خەن خۇڭ مېھىر- شەپقەت خەير- ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭغا ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇيدىغان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن 20نى، يېزا- كەنت دوختۇرلىرىنىڭ سەييارە كېسەل كۆرۈش سومكىسىدىن 400 نەچچىنى ئىئانە قىلدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنى ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەش (جىددىي داۋالاش، تۇغۇت بۆلۈمى، ئۇلترا ئاۋاز ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن تەمىنلىدى، ئىئانە ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 3 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

بۇ قېتىمقى ئىئانە قىلىش تۈرلىرى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق 14 ۋىلايەت (شەھەر، ئوبلاست)تىكى 47 ناھىيە (رايون)نىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش- سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى قاپلاپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولدى.  (مۇخبىر لى شياۋچىڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 سىن مەنبەسى: «1029307261» دوۋيىن نومۇرىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.