قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شىئەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ ئەندىزىسىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى داۋاملىق ياخشى ئىشلىدى، قائىدە، ئۆلچەمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ «قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈردى.
قەدىمكى چاڭئەن، ھازىرقى شىئەن. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن، بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەخت يەنە بىر قېتىم سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇردى. يېقىندا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى) «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى— <بىر بەلباغ ، بىر يول> لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» زىيارەت شۆبە ئەترىتى شىئەن شەھىرىگە كېلىپ، شىبېي داشۆ يىپەك يولى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لۇ شەنبىڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
رېژىسسور، مۇخبىر، ئېكرانغا چىققۇچى: رايىدە
سۈرەتكە ئالغۇچى: ۋاڭ شىن
كىرىشتۈرگۈچى، ئۈنۈملىگۈچى: مەخمۇتجان غۇپۇر
نازارەتچى: لى چۇنشيا، شۆ جىڭ، يۈ لېي