تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ئون يىلدىن بۇيان، خېنەننىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، «يەرشارىۋى سېتىۋېلىش، يەرشارىۋى سېتىش» قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئاچتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خېنەن باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروت مەركىزى باغچە رايونىنىڭ «يەرشارىۋى سېتىۋېلىش» ئىمپورت كەسپىنىڭ سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.17، يەككە مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.02 ئاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېڭجوۋنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلدى؟ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا، رەقەملىشىش قانداق كۈچ قوشىۋاتىدۇ؟ خېنەن بىلەن شىنجاڭ قانداق قىلغاندا قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدۇ؟ كەلگۈسىدە شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات يولىنى تاپالايدۇ؟ يېقىندا، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى−‹بىر بەلباغ، بىر يول› لىنىيەسى بويىدىكى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش» شۆبە ئەترىتى جېڭجوۋ شەھىرىگە كەلدى، مۇخبىر خېنەن خەلقئارا رەقەملىك سودا تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شياۋيەننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
رېژىسسورلار: رايىدە، ليۇ دۇڭلەي
مۇخبىر \ ئېكران ئالدىدا: رايىدە
ئوپېراتور: ۋاڭ شىن
كىرىشتۈرگۈچى \ فىلىم ئىشلىگۈچى: گاۋ يۈگاڭ
نازارەتچىلەر: لى چۇنشيا، شۆ جىڭ، يۈ لېي