11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى كادىرلار، ئامما يېڭىئېرىق بازىرىنىڭ ئەشمە رايونىدا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، بۇ ناھىيە 240 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.
ياڭ شو فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىدىكى ئوتتۇرا تارىم نېفىت-گاز ئېلىش باشقۇرۇش رايونى قۇملۇق باغ-ئورمانلىقىغا بوشلۇقتىن نەزەر (11-ئاينىڭ 9-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ قۇملۇق باغ-ئورمىنىدا ھازىر ھەر خىل يېشىللىق كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ياۋا توشقان، قۇملۇق چاشقىنى قاتارلىق 10 نەچچە خىل ياۋايى ھايۋان بۇ يەرگە ماكانلاشتى.
ۋاڭ تاۋ فوتوسى
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ خۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئالمىلارنى قاچىلىماقتا. كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئونسۇ ناھىيەسى، ھەتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يېشىللىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى. 2022-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خاس باغ-ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 18 مىليارد 203 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئېزىز سامساق فوتوسى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى 49-تۇەننىڭ بۇغدايلىقى ھاياتىي كۈچكە تولدى (11-ئاينىڭ 16-كۈنى تارتىلغان). يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن 3-شى تۇمشۇق شەھىرى قۇملۇقتا ئورمان بىنا قىلىش، دائىرىلەپ توسۇپ قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سورتنى ياخشىلاش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قۇملۇق بويلىرىغا زىرائەت تېرىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئىشچىلار خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىدىكى توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىدا توشقانزەدىكى كولىماقتا. ھازىر، توشقانزەدىكى كىچىك بازىرىنىڭ سۆكسۆك ئۆستۈرۈش كۆلىمى 40 مىڭ موغا يېتىپ، يىلىغا يېڭى توشقانزەدىكىدىن 4000 توننا ھوسۇل ئېلىندى. توشقانزەدىكى كەسپى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تايانچ كەسىپكە ئايلاندى.
شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
تەكلىماكان قۇملۇقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ يەر قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، قۇم-بوراننىڭ زىيىنى ئېغىر بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
قۇم-بورانلىق ھاۋارايى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ھاۋارايى ئاپەتلىرىنىڭ بىرى. چاڭ-توزان دانچىلىرى بوراننىڭ تۈرتكىسىدە، ناھايىتى يىراق جايلارغا ئۇچۇپ بارىدۇ، ئېغىر بولغاندا قۇم-بوران ئاپىتى قاتارلىق ناچار ھاۋارايىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى چاڭ-توزاننىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قۇلۇپلاپ تۈزەش قۇرۇلۇشى، مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا قۇملۇق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى رايونىدا قۇمنى دائىرىلەپ ئورمان يېتىشتۈرۈش، ئورمان بىنا قىلىش، ئوت-چۆپ تېرىش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قۇم-بوران ئېقىمى كۆپ يۈزبېرىدىغان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى رايونلاردا ئىھاتە ئورمىنى ئوت-چۆپ بەلبېغى بەرپا قىلىپ، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇدى؛ بوستانلىق ئوراپ تۇرغان قۇم-بوران مەنبەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قۇم-بوران زىيىنىنىڭ تەسىرىنى ئازايتتى؛ بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سالا ئېتىز، ئورمان تورى كەمچىل جايلار ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۈزەشتە ئاق قالغان رايونلاردا يوقىتىش جېڭىنى يولغا قويۇپ، بىر پۈتۈن ئېكولوگىيە-مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى توسۇش، چاڭ-توزاننى تىزگىنلەش»تىن ئىبارەت تۈزەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
شىنجاڭدا، كىشىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدە، ئالقات، جىغان، جىگدە، توشقانزەدىكى، بېدە، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق قۇملۇق رايون خاسلىقىغا ئىگە سۇ تېجەش تىپىدىكى ئورمان، ئوت-چۆپ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە، دۆلەت ئەھۋالى ۋە يەر ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يولىدا ماڭدى. كېرىيە ناھىيەسىدە، قۇملۇق قىزىلگۈلى تېرىلغۇ كۆلىمى 50 مىڭ مودىن ئاشتى، خۇش پۇراقلىق قىزىلگۈل ئىلگىرىكى سېرىق قۇملۇقنىڭ ئورنىنى ئالدى. قۇم-بوراننىڭ زىيىنى ئېغىر بولغان چەرچەن ناھىيەسىدە سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاش ئەندىزىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى نەپكە ئېرىشتۈردى. ھازىر، چەرچەن ناھىيەسىدە توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 80 مىڭ مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ سۆكسۆككە توشقانزەدىكى ئۇلاپ ئۆستۈرۈش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر، شىنجاڭدا توشقانزەدىكى، ئالقات، جىغان، قىزىلگۈل قاتارلىق قۇملۇق رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ موغا يەتكەن.
توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، شىنجاڭ قۇملۇق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، مالىيە، يەر ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەنگەن خاس ئورمان، ئوت-چۆپ تېرىش بازىسىنى بەرپا قىلدى. قۇملىشىپ كەتكەن يەرنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيە-ئىقتىساد بىرىكمە تىپىدىكى قۇملۇق كەسپى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كېڭەيتتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى