تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

شەخسلەر ئارا ئەمگەك- مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، يارىلانغاندىن كېيىن مەسئۇلىيەتنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

ۋاڭ يۈخەن سىزغان

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو يۈچياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر نيۇ مياۋ) ئەمگەكچىلەر ئىش ئورنىدا ئىشلەش جەريانىدا يارىلىنىدىغان ۋەقە پات- پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، لېكىن يارىلانغاندىن كېيىن، ئەمگەكچىلەر كىمدىن تۆلەم تەلەپ قىلىشى كېرەك؟ 11- ئاينىڭ 9- كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق بىر دېلونى مۇرەسسە قىلدى.

  2022- يىلى 7- ئايدا ۋاڭ x تيەن xنى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىشقا ياللىغان. تيەن  x خىزمەت جەريانىدا، ئىشلەشتىن توختاپ قالغان ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، ماشىنا ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى كېسىپ يارىلاندۇرغان، ئەدلىيەلىك باھالاش ئارقىلىق 10- دەرىجىلىك مېيىپ بولغان، دەپ بېكىتىلگەن. 

 ئىككى تەرەپنىڭ زىياننى تۆلەش مەسىلىسىدىكى كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، بۇ يىل 6- ئاينىڭ 16- كۈنى، تيەن x قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاڭ xنى ئەرز قىلىپ، ۋاڭ xتىن ئۆزىنىڭ ئىشىغا دەخلى يېتىش پۇلى، كۈتۈنۈش ھەققى، بالنىستتا ياتقاندىكى تاماق ياردەم پۇلى، ئوزۇقلىنىش پۇلى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك زىيانلىرى ئۈچۈن جەمئىي 114 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، بۇ سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق تيەن xنىڭ تۈرلۈك زىيان سوممىسىنى 83 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق دەپ بېكىتىپ، ۋاڭ xنى %60لىك جاۋابكارلىق نىسبىتى بويىچە تيەن xنىڭ تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن 50 مىڭ يۈەننى ئۈستىگە ئېلىشىنى ھۆكۈم قىلغان.

 تيەن x بىلەن ۋاڭ x ھۆكۈمگە قايىل بولماي، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. 

 ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىقىپ مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، تيەن xنىڭ يارىلانغانلىق پاكىتىغا قارىتا ۋاڭ x باشقىچە پىكىردە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيەتنى ئايرىش ۋە تۆلەم سوممىسىدا تالاش- تارتىش كۆرۈلگەن.

 دېلو بېجىرگۈچى سوتچى تيەن x ياللانما ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان، ۋاڭ x ياللىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، تيەن xنىڭ زەخىملىنىشىدە ئۆزىنىڭمۇ خاتالىقى بولغاچقا، ياللىغۇچىنىڭ جاۋابكارلىقىنى يېنىكلىتىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان. سوتچىنىڭ قانۇننى چۈشەندۈرۈشى، ئىشنىڭ يولىنى تەھلىل قىلىشى ئارقىلىق تيەن x بىلەن ۋاڭ x ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلغان. ۋاڭ x بولسا  12- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن بۇرۇن تيەن xكە تۈرلۈك تۆلەم پۇلى ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا جەمئىي 30 مىڭ يۈەن تۆلەيدىغان بولغان. 

 قانۇن ماددىلىرى ئۇلانمىسى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1192- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شەخسلەر ئارا ئەمگەك- مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەندە، ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلىش يۈزىسىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلدۇرغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلدۇرغۇچى تەرەپ ھوقۇقىغا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەستەنلىك ياكى زور سەۋەنلىك بار ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپتىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاراپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

 ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلدە، ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ 3- كىشىنىڭ قىلمىشى سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلغۇچى تەرەپ 3- كىشىدىن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەمگەك- مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپتىن تولۇقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلىشقىمۇ ھوقۇقلۇق. ئەمگەك- مۇلازىمەت قىلدۇرغۇچى تەرەپ تولۇقلىما بەرگەندىن كېيىن، 3- كىشىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.