ھەممىسىدە دەرس ئۆتۈلىدۇ، شىنجاڭ مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدە دەرسلىرى بەك ياخشى
يېقىندا
شىنجاڭ شىخەنزە داشۆسى
بىر سائەتلىك ئۈزۈم ھارىقىنى باھالاش دەرسى سەۋەبلىك
مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دوستلار چەمبىرىكىدە ئالقىشقا ئېرىشتى
تورداشلار «گۈزەللىك مەڭگۈ مودىدىن قالمايدۇ» دېيىشتى

ئەمەلىيەتتە ھاراق تېتىپ كۆرۈشتىن باشقا
شنجاڭدا يەنە نۇرغۇن ئالاھىدە دەرسلەر بار
شىخەنزە داشۆسى يېمەكلىك شۆيۈەنى تەجرىبە دەرسىدە
ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى ياساشنى ئۆگىنىپ
گۆش يېگەچ تەجرىبە ئىشلەپ، بىلىم ۋە مەززىلىك تائاملاردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى
ئۇلار ئۆزى ياساپ، تويغىچە يەپ، ياخشى ئۆگەندى
قۇرسىقى تويغاندا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلدى
«جۇڭگو قار شەھىرى» ئالتاي شەھىرىدە
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە دەرسى
قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتۈلىدۇ

قىشتا قار تېيىلىش مەيدانىدا چېپىپ ئوينىسا
يازدا ئات مىنىپ ئوينايدۇ
2019-يىلىدىن باشلاپ ئالتاي شەھىرىدە
«چەۋەندازلىقنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى باشلاندى
قوللىرىدا چۇلۋۇر تۇتقان، پۇتلىرىدا ئۈزەڭگىگە دەسسىگەن
10 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى
ئات ئۈستىدىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلىدۇ
چەۋەندازلىق دەرسى بار بولدى،
ئوقيا ئېتىش دەرسىگىمۇ ئاز قالدى
شىنجاڭ سىفەن داشۆسى
جۇڭخۇا ئوقيا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش دەرسىنى تەسىس قىلدى
ھۆرمەت قەدەم ئېلىپ، يانى ئېگىپ تارتىپ
ئوقنى تويۇقسىز ۋىژىلدىتىپ قويۇپ بېرەتتى
بۇنداق جانلىق دەرسلەردىن يەنە ئۇچار تەخسە دەرسىمۇ بار.
قاراماي شەھەرلىك 8ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى
تەنتەربىيە دەرسىدە ئۇچار تەخسە ئوينىدى
بالىلار تەخسە يەتكۈزۈش، تەخسە تۇتۇشتا ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى
دۇڭ، دۇڭ جاڭ، دۇڭ، دۇڭ، جاڭ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 62ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەجدىھا ئۇسسۇلى مەيدانغا چىقتى
بۇ جۇڭگو ئەجدىھاسىنى باچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى
62ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچۈن ئالاھىدە زاكاز قىلىپ ياسىتىپ بەرگەن
بالىلار سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ
ئۇسسۇلنى ناھايىتى ياخشى ئوينىدى.

بۇ بىر قاتار ئالاھىدە دەرسلەرنى كۆرۈپ
تورداشلار بەس ـ بەستە ھاياجانلىنىپ
«مېنىڭ ئارزۇيۇمدىكىدەك دەرس ئىكەن»
«بەك ھەۋىسىمنى كەلتۈردى»،
«بەرىبىر باشقىلارنىڭ مەكتىپى» دەپ خۇرسىنىشتى
ماقالە مەنبەسى: ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى، جۇڭگو ئاخبارات تورى، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، خۇڭسەن.تەسۋىر تارقىتىش، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى، ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى